تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

تېكەس ناھىيەسى: ئاقتېرەك كەنتىدىكى كۈلكە ئاۋازلىرى كەنتنىڭ گۈللەنگەن تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىدى

  مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گو شيا، دەي كەيلى خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئايدىكى تېكەس ناھىيەسىدە، گۈل ۋە ئوت-چۆپلەرنىڭ ھىدى كىشىنى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئالما چېچىكى» بايرىمى يېتىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى چولاقتېرەك بازىرى ئاقتېرەك كەنتى (ئالما كەنتى) 6-نۆۋەتلىك «ئالما چېچىكى» بايرىمى ئۆتكۈزدى، بۇ قېتىمقى بايرامنىڭ مەقسىتى ناھىيە بويىچە خەلقنىڭ ئىستراھەت ساياھەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ئالما كەسپى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاقتېرەك كەنتىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت.

  چولاقتېرەك بازىرى ئاقتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ۋاڭ ۋېنچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 20 يىل ئىلگىرى، بۇ يەرگە بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلاتتى، ھازىر پۇقرالارنىڭ كىرىمىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، باغۋەنچىلىك كەسپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  ئاقتېرەك كەنتىدە 50 نەچچە يىل ياشىغان كەنت ئاھالىسى جاڭ يۈەنلىن ئاقتېرەك كەنتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: 1998-يىلىدىن باشلاپ، ئالما كەسپىنىڭ تەرەققىياتى بۇ كەنتنى يىراق - يېقىنغا داڭقى چىققان ھاللىق كەنتكە ئايلاندۇردى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم كۈندىن - كۈنگە پارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى