ئامېرىكا ساينت لۇئىس ۋاشىنگتون داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كوللېكتىپ تەنھەرىكەتكە قاتنىشىش بالىلاردىكى مەيۈسلۈك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلاردا ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار 9~11 ياشقىچە بولغان 4191 بالىنىڭ چوڭ مېڭە ۋە بىلىش تەرەققىياتى سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە كەيپىيات ئىپادىسى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان ھەمدە تەجرىبىگە قاتناشقان بالىلارنىڭ مېڭىسىنى سىكاننېرلاپ، قوش يان سەقەنقۇر تەنچىسىنىڭ ھەجىمىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە، تەنھەرىكەتنى ياقتۇرمايدىغان ياكى ئۆز ئالدىغا چېنىقىدىغان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، كوللېكتىپ تەنھەرىكەتكە بىر قەدەر كۆپ قاتنىشىدىغانلارنىڭ سەقەنقۇر تەنچىسىنىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ، مەيۈسلۈك كەيپىياتىنىڭ كۆرۈلۈشى بىر قەدەر ئاز بولغان.
تەتقىقاتچى لىسا گورخام مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، چېنىقىشنىڭ قۇرامىغا يەتكەن بىمارلارنىڭ مەيۈسلۈك كېسىلىنى داۋالاشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، يېڭى تەتقىقاتتا، بالىلار قاتناشقان تەنھەرىكەت تۈرى ۋە ئالاھىدە چوڭ مېڭە رايونىنىڭ سىغىمى بىلەن مەيۈسلۈك كېسىلى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش مەۋجۇت ئىكەنلىكى، كوللېكتىپ تەنھەرىكەتكە قاتنىشىشنىڭ ياشلىق دەۋرىدىن بۇرۇنقى بالىلارغا نىسبەتەنمۇ ئوخشاشلا مەيۈسلۈككە قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەنلىكى تۇنجى قېتىم بايقالدى. ۋاشىنگتون داشۆسى ساينت لۇئىس تېببىي شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى گرېگورىي B كۇچ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرىكەت بىلەن كوللېكتىپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈش بالىلاردىكى مەيۈسلۈك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ يېڭى يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن ئېلىندى