تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2019-يىللىق كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلېكتىرىك قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش تۈرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي گۇرۇپپا ئېلېكتىرىك قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى . (شىنخۇا تورى ما كەي فوتوسى)

      5-ئاينىڭ 11-كۈنى، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي گۇرۇپپا ئېلېكتىرىك قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش مۇسابىقىسى تيەنجىن شەھىرى نەنياڭ سانائەت مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 114 ۋەكىللەر كوماندىسىدىن جەمئىي 228 نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  مۇسابىقىدە ئېلېكتىرىك قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىشنىڭ يادرولۇق ماھارىتى ئاساس قىلىنىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلارنىڭ دىنامىكىلىق كونترول لىنىيەسى، يورۇتۇشنى كونترول قىلىش لىنىيەسىنى قۇراشتۇرۇش ۋە رېمونت قىلىش سەۋىيەسى شۇنداقلا قېلىپلاشتۇرۇش دەرىجىسى سىنالدى. قۇراشتۇرۇش، سىناق قىلىپ تەڭشەش ۋە پارامېتىر تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ماھىرلارنىڭ PLC، چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ، سېزىمچان ئېكران، سېنزور، ئۆزگىرىشچان-تۇراقلىق توك ئېلېكتر ماشىنىسى، قەدەملىمە موتور، سېرۋو موتور قاتارلىق ھازىرقى زامان ئېلېكتىرلىك دېتال بىلىملىرىنى ئىگىلەش دەرىجىسى ۋە قوللىنىش ئىقتىدارى سىنالدى. ھەر بىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا ئىككى ماھىردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرلىكتە مۇسابىقە ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

  ماھىرلار مۇسابىقىدە لىنىيە قۇراشتۇرماقتا. ( شىنخۇا تورى ما كەي فوتوسى )

  ماھىرلار مۇسابىقىدە لىنىيە قۇراشتۇرۇپ تەڭشەش ئېلىپ بارماقتا . ( شىنخۇا تورى ما كەي فوتوسى )

(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش