تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

دۇنيا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كوماندىسى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ياراتتى

  ياپونىيەنىڭ يوكوخامادا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىدە، جۇڭگو يېنىك ئاتلېتكا كوماندىسى كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ياراتتى: كەينىدىرەك ئېلىپ بېرىلغان ئەرلەر 4×100 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى يەنىلا تاللاش مۇسابىقىسىدىكى سەپ شەكلىنى ئىشلەتتى — ۋۇ جىچياڭ بىرىنچى، شې جېنيې ئىككىنچى، سۇ بىڭتيەن ئۈچىنچى، لياڭ جىنشېڭ تۆتىنچى بولۇپ يۈگۈردى، ئۇلار ئاخىرىدا 38.16 سېكۇنتلىق نەتىجىدە تۆتىنچى بولدى، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەنگىلىيە كوماندىسى بىلەن ئاران 0.01 سېكۇنت پەرقلەندى. بىرازىلىيە كوماندىسى 38.05 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە چېمپىيون بولدى، بۇ نەتىجە يەنە مۇشۇ يىللىق دۇنيا ئەڭ ياخشى نەتىجە تىزىملىكىدە بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، ئامېرىكا كوماندىسى 38.07 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە ئىككىنچى بولدى.

  جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىم ئەرلەر 4×100 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشى، بۇ يىللىق دوھا يېنىك ئاتلېتكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇشۇ تۈردىكى قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شې جېنيې تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا سەمىمىيلىك بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگىنىمىز كوماندىنىڭ ۋەزىپىنى تاماملىغانلىقى دېدى، «بۇ قېتىملىق مۇسابىقە دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈندۇر. شۇڭا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىز ئامال بار تاكتىكا مەشىق قىلىشنى ئاساس قىلىمىز،» دېدى شې جېنيې. ئۇنىڭ قارىشىچە، كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى خېلى ياخشى بولۇپتۇ. «بىزنىڭ ئالدىدىكى ئىككى كالتەكنى يەتكۈزىشىمىز يامان ئەمەس بولدى، بىراق بىز ئىچكى مۇسابىقە يولىدا يۈگۈردۇق، شۇڭا ئەمەلىيەتتە مەن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى سۇ بىڭتيەنگە تاپشۇرغان ۋاقتىمدا سىرتتىكى يولدا يۈگۈرگەنلەردىن بالدۇرراق تاپشۇرغانىدىم، يول بېرىش ئارىلىقىغا چېتىلغانلىقتىن، بىز يەنىلا يامان ئەمەس يۈگۈردۇق».

  ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ھەربىر قېتىملىق كالتەك يەتكۈزۈش راۋانلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقانىدى، سۇ بىڭتيەن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى لياڭ جىنشېڭنىڭ قولىغا يەتكۈزگەندە، لياڭ جىنشېڭ مېدال تالىشىدىغانلار ئورنىدا ئىدى. بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا كوماندىسى ئوخشاش ۋاقىتتا دېگۈدەك ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەنىدى، لياڭ جىنشېڭ بىلەن ئەنگىلىيەلىك ماھىر ئاخىرقى نۇقتىدىن ئۆتكەندە كۆز بىلەن يېڭىش - يېڭىلىشنى پەرقلەندۈرۈش تەسكە توختىغانىدى، ئەڭ ئاخىرىدا بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئامېرىكا كوماندىسى، جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئەنگىلىيە كوماندىسى ناھايىتى كىچىك پەرقتە يېڭىش - يېڭىلىشنى بەلگىلىدى.

  ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنى بالدۇرراق ئېلىپ بېرىلغان ئاياللار 4×200 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئالدىدىكى سەتچىلىكىنى يۇيدى. ئاياللار 4×100 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى كالتەكنى راۋان يەتكۈزەلمەي مۇسابىقىدىن شاللانغانىدى، 200 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە كەلگەندە، جۇڭگو كوماندىسى 4×100 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى سەپ شەكلىنى ئىشلەتتى، تۆت كالتەك تەرتىپ بويىچە لياڭ شياۋجىڭ، ۋېي يۇڭلى، كۇڭ لىڭۋېي ۋە گې مەنچى ئىدى. قىزلار بۇ قېتىم ھېچقانداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدى، 1 مىنۇت 32.76 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە ئىككىنچى بولۇپ، مۇشۇ تۈرنىڭ ئاسىيادىكى رېكورتىنى يېڭىلىدى. فىرانسىيە كوماندىسى 1 مىنۇت 32.16 سېكۇنتلۇق نەتىجىدە چېمپىيون بولدى.

  مو يوۋشۆ، لو ۋېنيى، بيې گې ۋە لىن جۈنخۇڭلاردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو ئەرلەر 4×200 مېتىرلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كوماندىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە 1 مىنۇت 21.70 سېكۇنتلىق نەتىجىدە مۇشۇ تۈرنىڭ ئاسىيادىكى رېكورتىنى يېڭىلىدى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى 1 مىنۇت 22.81 سېكۇنتلىق نەتىجىدە ئالتىنچى بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى