تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىدىكى ئۈچىنچى بەش قەۋەتلىك كۆۋرۈكنىڭ تۆۋەنكى قۇرۇلمىسى ياسىلىشقا باشلىدى

  مۇخبىرىمىز شۈ چيەن خەۋىرى، فوتوسى: سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى قاراماي جەنۇبىي  يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى بىلەن شەرقىي 2-ئايلانما يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكى كېسىشكەن جايدا بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتىن بىرى ياسىلىدۇ، بۇ ھەم قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىدىكى ئۈچىنچى بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈك. نۆۋەتتە، بۇ بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ تۆۋەنكى قۇرۇلمىسى رەسمىي ياسىلىشقا باشلىدى.

  سۈرەت ئىشلىگۈچىلەر: ياڭ بو، جاۋ جىڭ

   5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر ۋېيستې ئەسىر گۈللۈگى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، قۇرۇلۇش قىلىش توسۇقى ئىچىدە ئايلانما قېزىش ماشىنىسى، توپا قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىردەك مەيدانغا كىرگەنلىكىنى، ئىشچىلارنىڭ تۈۋرۈك ئۇلىغا ئازگال كولاش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  جۇڭگو قاتنىشى 3-ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى سۈن يىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يەردىكى بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈكتە سەككىز باغلىما يول بولۇپ، دىيامېتىرى تەخمىنەن 1.2 مېتىر كېلىدىغان 311 تۈۋرۈك ئورنىتىلىدىكەن، ئۆتۈشمە قىسمىنى ئۆز ئارا ئۆتۈشتۈرۈش ئۈچۈنلا 86 دانە تۈۋرۈك ئورنىتىش زۆرۈر بولۇپ، تۈۋرۈك ئۇلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 نەچچە مېتىر كېلىدىكەن. نۆۋەتتە، 32 دانە تۈۋرۈك ئورنىتىلغان.

  ئارشاڭ شەرقىي يولىدا قاتناش ئېقىم مىقدارى بىر قەدەر چوڭ، باغلىما يول قۇرۇلۇشى ئورنىنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى قىسمىدا يەنە پۈتۈپ بولغان شەرقىي 2-ئايلانما كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي لىنىيەلىك كۆۋرۈكى ۋە قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش غول لىنىيەلىك كۆۋرۈكى بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش ئورنىنىڭ چەكلىمىلىكى نىسبەتەن چوڭ بولغاچقا، ئادەتتىكى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىكەن. كۆتۈرمە كۆۋرۈكتە قاتناشنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا قۇرۇلۇشنى تاماملاش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇننىڭ 3-قەۋەت ۋە 4-قەۋەتتىكى تۆت باغلىما يول كۆۋرۈكىنى ياسىشىغا بىر ھەسسە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىكەن.

  « 3-، 4-قەۋەتتىكى باغلىما يولدا قۇرۇلۇش قىلىشتا، <چوققىدىن ئىتتىرىپ سىيرىپ يۆتكەش> ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل ئىش ئۇسۇلىنىڭ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ قىلىش دەرىجىسى تۆت كۆۋرۈك سالغانغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇنىڭدا، ئالدى بىلەن بوشلۇقتا بىر تىرەك سۇپىسى قۇرۇپ، تىرەك سۇپىسىغا بىر پولات سۇپا ئورنىتىپ، ئاندىن پولات سۇپىغا بىر توشۇش ئوربىتىسى ياتقۇزۇپ، چوققىدىن يەتكۈزۈش - توشۇش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق باغلىما يول قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك پولات ساندۇق لىمنى ئىككى قەۋەتلىك كۆتۈرمە كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يەتكۈزىمىز» دېدى سۈن يىڭ.

  ئىگىلىنىشىچە، قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنى شەرققە ئۇزارتىش 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا پۈتۈن لىنىيەدە يېڭىدىن 5.8 كىلومېتىر كۆتۈرمە يول ياسىلىدىكەن. بۇ يەردىكى ئۆتۈشمە كۆۋرۈك قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنىڭ ساي يولىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ۋە قاراماي جەنۇبىي يولى كۆتۈرمە كۆۋرۈكىنىڭ ليۇداۋان يولىدىكى بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆرۈكىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى بەش قەۋەتلىك ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى