شىنجاڭ گېزىتى، نىلقا 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىر جەزىرە نىسبېك خەۋىرى: «بۇ يەردە خىزمەت قىلۋاتقىنىمغا 12 يىل بولدى، ئاخىرى بالىلارغا پىيانىنو دەرسى ئۆتىدىغان بولدۇم، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار سىفەن مەكتىپىنىڭ پىيانىنو ئىئانە قىلغانلىقىغا رەھمەت. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن بۇ پىيانىنو ئارقىلىق بالىلارنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرىمەن.» دېدى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، نىلقا ناھىيەسى كېلەڭ يېزىسى قىزىل تۇمشۇق كەنتى يەسلىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۈ جۈەنجۈەن يېپيېڭى پىيانىنونى سىلاپ تۇرۇپ ھەمدە ئىختىيارسىز بىر مۇزىكا ئورۇنلىدى.
4-ئاينىڭ 24-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار سىفەن مەكتىپى نىلقا ناھىيەسىدىكى 30 يەسلىگە 30 پىيانىنو ئىئانە قىلغان.
ئىگلىنىشچە، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2018-يىل ئاخىرىدا چاڭجوۋ شەھىرى ۋۇجىن رايونى نىلقا ناھىيەسىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجوۋ شەھەرلىك بالىلار سىفەن مەكتىپى نىلقا ناھىيەسىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ناھىيەدىكى 30 يېزا يەسلىسىگە پىيانىنو تەقدىم قىلىشنى قارار قىلغان، بۇنىڭ بىلەن نىلقا ناھىيەسىدىكى يېزا يەسلىلىرى پىيانىنو دەرسى يوق بولۇشتەك تارىخ بىلەن خوشلاشقان.