5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتىنىڭ تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتى تىنچلىق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 73- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نەپەسلەنگۈچنى ئىشلىتىشنى تونۇشتۇرماقتا.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى بۇ رايوندىكى 46 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىدە مەملىكەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كۈنى باش تېمىلىق پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)