تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

فۇكاڭ شەھىرىنىڭ «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» ئاممىنىڭ دەۋا - تەلەپ يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جېڭ جو خەۋەر قىلىدۇ: «بىنانىڭ يۇندى يولى داۋاملىق توسۇلۇپ قالىدۇ، پەقەت چىدىيالمىدۇق!» «ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قوشنىمىز باققان ئىت يېرىم كېچىدە دائىم قاۋايدۇ، سىلەر باشقۇرۇپ قويۇڭلار!»... 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى فۇشىن كوچا باشقارمىسى مەرھابا يولى مەھەللىسىنىڭ «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى»دە، ئاھالىلەر ئۆزى يولۇققان باش قېتىنچىلىقلىرىنى سۆزلىدى.

  بۇ يالغۇز مەرھابا يولى مەھەللىسىدىكىلا ئىش ئەمەس، ھەر دۈشەنبە كۈنى مەھەللىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، فۇكاڭ شەھىرىدىكى بارلىق مەھەللىدە «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» مەخسۇس پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئائىلە زىددىيىتى، قوشنىلار ئارا ماجىرا ياكى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش قاتارلىقلار ۋاقتىدا كېلىشتۈرۈلمىسە ياكى ھەل قىلىنمىسا، بۇ، ئائىلىدىكى ۋە قوشنىلار مۇناسىۋىتىدىكى يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلىنىدۇ، «<ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى> سۇپىسى بار بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك كەڭ - كۇشادە سۆزلىدى، بىزمۇ كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مەنبەدىن ھەل قىلالايدىغان بولدۇق» دېدى مەرھابا يولى مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىڭ.

  فۇكاڭ شەھىرى بوفېڭ كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈەن دىنىڭ «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى»گە قارىتا تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاھالىلەر ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم مەھەللىگە كېلىپ ئەھۋالنى ئىنكاس قىلاتتى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىر تەرەپتىن، ھال ئېيتقۇچىلارنى كۈتۈۋالسا، بىر تەرەپتىن، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش بىلەن بولۇپ، دائىم ئالدىراشلا يۈرەتتى، شۇنداقتىمۇ، بەزى ئامما يەنىلا رازى بولمايتتى.

  «زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۇنى تىزگىنلىگەنگە ئوخشايدۇ، ۋاقتىدا يېتەكلەشكە، نىشانغا قاراپ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندا ھەم ئاممىنى ئاز قاتراتقىلى، ھەم مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت يۈكىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.» يۈەن دى مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» مەسىلىنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولىغا ئايلىنىۋاتىدۇ.

  مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ، ياخشى ھەل قىلىشلا ئاخىرقى نىشان. بۇنىڭ ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» مەخسۇس پائالىيىتىنى سۇپا قىلىپ، «ئاھالىلەر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش» «نەق مەيداندا ئىشلارغا جاۋاب بېرىش» «كادىرلار ئىشلارغا ئىگە بولۇش» «ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت قەدەملىك يېپىق خىزمەت زەنجىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشقا تىرىشتى.

  بوفېڭ كوچا باشقارمىسىنىڭ «دەۋا - تەلەپلەرنى يىغىش ھېسابات دەپتىرى»نى ۋاراقلىساق، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر خاتىرىلەنگەن بولۇپ، كۆپ قىسمىغا قىزىل قەلەم بىلەن «ھەل قىلىندى»دەپ ئىزاھلانغانىدى. بۇ مەسىلىلەر«ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» ئارقىلىق ھېسابات خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەھەللىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار «جىددىي مەسىلىلەر تىزىملىكى» «ئادەتتىكى مەسىلىلەر تىزىملىكى» «نۇقتىلىق مەسىلىلەر تىزىملىكى» بويىچە تۈرگە ئايرىپ بېجىرىپ، قاراپ چىقىلغان مەسىلىلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ نازارىتى ۋە باھاسىنى قوبۇل قىلدى.

  مۇشۇ ئاساستا، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» مېخانىزمىنى ھەرقايسى كەنت، بازارلارغىچە كېڭەيتىپ، «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش زالى»نى تەسىس قىلدى. فۇكاڭ شەھىرى يەتتە يېزا - بازاردىكى 61 مەمۇرىي كەنتتە «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش زالى»نى تەسىس قىلىپ، 1- شۇجى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ كادىرلىرى قاتارلىقلارنى مەركەزلىك كۈتۈۋېلىشقا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىنكاس قىلغان ئىشلار بويىچە «ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇش، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  بۇ يىل 4- ئايدىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى «ئاھالىلەرنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش كۈنى» پائالىيىتى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ دەۋا - تەلىپىدىن جەمئىي 117نى يىغىپ، تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەر 86نى ھەل قىلدى، 31ىگە ئالاقە ئەۋەتتى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش زالى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن قىيىنچىلىق دەۋا - تەلىپىدىن جەمئىي 146نى ھەل قىلدى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى %100كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى