تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق سىستېمىسى داۋالاش كەسپىدىكى قالايمىقانچىلىقنى سىجىل تۈزىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: داۋالاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق سورۇنلارغا بېكىنىۋالغان «نومۇر ھايانكەشلىرى»، قانۇنسىز كېسەل كۆرگۈچىلەر، داۋالاش ئالدامچىلىرى ۋە زورلاپ ئېلىپ ساتقان، قاقتى - سوقتى قىلغان قارا، رەزىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىلدى... قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى «كەسپىي داۋالاش جېدىلى»، دورىنى ھايىنىغا سېتىش، سۇغۇرتا پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىققا قەتئىي زەربە بېرىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى.

  قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى مەسىلە يىپ ئۇچى بويىچە «ئىككىنى دوكلات قىلىش، بىرنى قايتما ئىنكاس قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش» مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، سەھىيە، ساغلاملىق سىستېمىسىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچىنى قاتتىق تەكشۈردى. بۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلار قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بىلەن كەسىپ ئىستىلى قۇرۇلۇشى، تىنچ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېما ئىچىدىكى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «مۇناسىۋەت تورى» ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى قاتتىق تەكشۈرۈپ چوڭقۇر قېزىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قاقتى - سوقتى قىلىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، «ئوپېراتسىيە جەريانىدا باھا قوشۇش» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق ساھەسىدە پەيدا بولۇپ يامرىشىنى مەنبەدىن توستى.

  ئاغرىقلارنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان زىيادە تەكشۈرۈش، زىيادە دورا ئىشلىتىش، زىيادە داۋالاش، ئۆلچەمسىز ھەق ئېلىش، ساختا تەشۋىقات قاتارلىق داۋالاشتىكى قالايمىقانچىلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە داۋالاشتىكى قالايمىقانچىلىقنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، توردىكى جەمئىي 32 ئىنكاس ئەرزنى، 15 تېلېفون ئىنكاس ئەرزىنى بىر تەرەپ قىلىپ، تۈزەشتىن كېيىن مەسىلە يەنىلا بىرقەدەر كۆپ بولغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى «قارا تىزىملىك»كە كىرگۈزۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش سۇپىسىدا ئاشكارىلاپ نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

  ئۆز سىستېمىسىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش ئۈچۈن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە «نازارەت قىلغاچ تۈزىتىش» مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى، كورلا شەھىرى، خېجىڭ ناھىيەسى قاتارلىق يەتتە ناھىيەلىك، شەھەرلىك سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتىدا ۋە بىر بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ۋەزىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، 67 مەسىلىنى بايقىدى، ھازىر ھەممىسى تۈزىتىپ بولۇندى.

  قومۇل شەھىرىنىڭ سەھىيە، ساغلاملىق سىستېمىسى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى بۆلۈپ، قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش ۋە داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى، تېببىي خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ئارقىلىق ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى سېتىش قاتارلىق شەكلى ئۆزگەرگەن «داۋالاش ئالدامچىلىقى» قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، «دورا يىغىۋېلىش ھايانكەشلىكى» قاتارلىق زور پايدىغا ئېرىشىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىغا قارىتا بايقىغان ھامان دەرھال زەربە بېرىپ، سەل قالايمىقانلاشسىلا دەرھال تۈزىتىپ، قاتتىق زەربە بېرىدىغان يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاڭ گاڭچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، ساغلاملىق كومىتېتى قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سەھىيە، ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلە يىپ ئۇچىغا قارىتا دېلو بولسا جەزمەن تەكشۈرۈش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «داۋالاش جېدىلى» قاتارلىق قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەر ھەمدە داۋالاش قالايمىقانچىلىقىنى تۈپتىن توسۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى تەرتىپىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، رازىمەنلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى