تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

«كىچىكىمدە سىز مېنى باقتىڭىز، ياشانغىنىڭىزدا مەن سىزنى باقىمەن»

ــــ تۆلېگىن ۋە «ئوغلى» جاۋ كەينىڭ ھېكايىسى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى ليۇ شىخې، سۇ يۈرۈي

  «ئۆي ئىچى تىنچلىقمۇ؟ <ئاپا>، بۈگۈن ئانىلار بايرىمى، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن».

  «مەن بۇ يەردە ئوبدان تۇرۇۋاتىمەن، <دادام> ئىككىڭلار سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراڭلار، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار».

  ...

  5- ئاينىڭ 12- كۈنى ئانىلار بايرىمى، خوتەندە تۇرۇۋاتقان جاۋ كەي ئۈندىدار سىنى ئارقىلىق كۆكتوقاي ناھىيەسى تېمېكې يېزىسى خۇڭتەي يېڭى كەنتىدىكى «ئاپىسى»غا بايراملىق تىلەك تىلىدى.

  جاۋ كەينىڭ «ئاپا» دېگىنى سەمەيقاننى، «دادا» دېگىنى تۆلېگىن سىپۇلنى كۆرسىتەتتى. جاۋ كەي بىلەن تۆلېگىننىڭ «دادا - بالىلىق مېھرى»نى 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  1997- يىلى، جاۋ لۇڭگو ئالتۇن قېزىش ئارزۇسىدا خوتۇنى بىلەن ئىككى ياشلىق ئوغلى جاۋ كەينى ئېلىپ سىچۇەندىن كۆكتوقاي ناھىيەسىگە كەلگەنىدى.

  كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئىككى يىل ئۆتتى، جاۋ لۇڭگو ئالتۇن قازالمايلا قالماي، ئەكسىچە تۇرمۇشىنى ناھايىتى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكۈزدى. بۇ مەزگىلدە، ئۇ ئۇزاق مەزگىل شۇ يەردە پادا باققان تۆلېگىن بىلەن تونۇشۇپ قالدى. جاۋ لۇڭگو ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قاراپ تۆلېگىننىڭ ئىچى ئاغرىپ، دائىم جاۋ لۇڭگونىڭ ئۆيىگە يەيدىغان نەرسىلەرنى ئاپىرىپ بەردى. كېيىن جاۋ لۇڭگونىڭ خوتۇنى جاۋ كەينى ئۇنىڭغا تاشلاپ كېتىپ قالدى.

  ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە قالغان جاۋ لۇڭگونىڭ يۈرىكى ئېزىلىپ، نەچچە قېتىم قاتتىق ئويلانغاندىن كېيىن، ئالتۇن قېزىش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ئالتاي شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىش ئويىغا كەلدى. لېكىن گۆدەك ئوغلىغا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، جاۋ لۇڭگو ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. تۆلېگىن جاۋ لۇڭگونىڭ ئويىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بالىسىنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ، جاۋ لۇڭگوغا مۇنداق دېدى: خاتىرجەم بولغىن، بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ يەيدىغىنىملا بولىدىكەن، بالا ئاچ قالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز بالامدەك كۆرىمەن.

  شۇنىڭ بىلەن، بەرگەن مۇشۇ ۋەدىسى ئۈچۈن، تۆلېگىن ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى، مۇشۇ ۋەدىسى ئۈچۈن، ئۇ سەمىمىيىتى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن بۇ بالىنى ئاسراپ بېقىپ چوڭ قىلدى.

  ئايلار ئۆتۈپ، يىللار ئۆتۈپ، جاۋ كەي تۆلېگىننىڭ ئۆيىدە شۇ تۇرۇشىدا بەش يىل تۇردى. بەش يىل جەريانىدا، تۆلېگىن ئەر - خوتۇن جاۋ كەينى ئەتىۋارلاپ بېقىپ، ياخشى نەرسىلەر بولسا ئالدى بىلەن جاۋ كەيگە يېگۈزۈپ، ھېيت - بايراملاردا ئالدى بىلەن جاۋ كەيگە يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى. جاۋ كەي مىفەنگە بەك ئامراق بولغاچقا، تۆلېگىن پات - پات نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بازارغا مەخسۇس ئاتلىق بېرىپ گۈرۈچ ئېلىپ كېلەتتى.

  ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، تۆلېگىننىڭ بالىلىرىمۇ جاۋ كەي بىلەن قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتتى، يەيدىغان ياخشى يېمەكلىك، ئوينايدىغان ياخشى ئويۇنچۇق بولسا ئالدى بىلەن ئىنىسىغا بېرىدىغان، مەكتەپكە بېرىپ - كەلگىچە ئىنىسىدىن قەتئىي ئايرىلمايدىغان بولدى.

  جاۋ لۇڭگو ئالتاي شەھەر رايونىدا بەش يىل ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملىشىپ ئازراق پۇل تاپتى. ئۇ ئوغلىنى ئالتاي شەھىرىگە ئەكىلىپ، بىر تەرەپتىن، ئىشلەمچىلىك قىلىپ، بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماقچى بولدى.

  تۆلېگىن ئەر - خوتۇن جاۋ لۇڭگونىڭ جاۋ كەينى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەندە ئىچ - ئىچىدىن قىيالمىدى.

  ئايرىلىدىغان كۈنى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى كۆزىگە ياش ئېلىپ جاۋ كەي ئادەتتە ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان قۇرۇتۇلغان گۆش، قۇرۇتلاردىن تەييارلاپ بەردى، ھەم توختىماستىن جاۋ كەيگە مۇنداق تاپىلىدى: «ئوغلۇم، چوقۇم ياخشى ئوقۇغىن، تەتىلگە قويۇپ بەرسىلا قايتىپ كەلگىن.» تۆلېگىننىڭ خوتۇنى سەمەيقان جاۋ كەينى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ يېنىش - يېنىشلاپ سۆيدى، ئېسەدەپ يىغلاپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، تۆلېگىن ئەر - خوتۇن جاۋ كەينىڭ غېمىدىلا بولدى: بالىنىڭ ئۇ يەردىكى تۇرمۇشى قانداقراقتۇ؟ ئۆگىنىش قىلىپ ھارغانمىدۇ؟ ئۇلار دائىم پىششىق گۆش، ساڭزىلارنى تەييارلاپ، باشقىلارغا مەكتەپكە ئاپىرىپ جاۋ كەيگە يەتكۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلدى. بالىنىڭ مەكتەپتە توڭلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، سەمەيقان يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ساپ قوي يۇڭىدىن جاۋ كەي ئۈچۈن كىگىز بېسىپ، كۆرپە، يوتقان، پاختىلىق چاپان، پاختىلىق ئىشتان تىكىپ مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردى.

  شۇنداق قىلىپ، جاۋ كەي تۆلېگىن ئەر - خوتۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى نەتىجىسىدە يىلدىن - يىلغا چوڭ بولدى...

  كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەينى چاغدىكى كىچىك جاۋ كەي چوڭ بولۇپ قۇرامىغا يەتتى، ئۇ ھازىر خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئارىلىقى 1000 چاقىرىم كەلسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆڭلىدە دادىسى تۆلېگىن ۋە ئاپىسى سەمەيقاننىڭ غېمىنى يەيتتى. مەيلى خىزمىتى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، ئۇ ھەر ھەپتىدە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ، ئۈندىدار سىنىدا «ئاتا - ئانىسى»نىڭ تۇرمۇشى، سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى ھەم «ئاتا - ئانىسى»غا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەردى. جاۋ كەي مۇنداق دېدى: «ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ، سەمەيقان ئاپام ماڭا ئانىلىق مېھرىنى بېرىپ كەلدى، تۆلېگىن دادام ماڭا تېخىمۇ چەكسىز مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزدى، گەرچە مېنى باققان ئاتا - ئانام بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىم.»

  2017- يىلى 3- ئايدا تۆلېگىن سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىققاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، جاۋ كەي خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، دەرھال كۆكتوقاي ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ، تۆلېگىننىڭ يېنىدىن كېچە - كۈندۈز ئايرىلماي، كۆڭۈل قويۇپ قارىدى، بەدەنلىرىنى سۈرتتى، ئۇۋۇلىدى، ھېكايە ئېيتىپ بەردى... نەچچە كۈن ھوشسىز ياتقان تۆلېگىن ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر بىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدى.

  بۇ چاغدا، جاۋ كەي تۆلېگىننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «دادا، ئەنسىرىمەڭ، سىز مېنى بېقىپ چوڭ قىلدىڭىز، ھازىر مەن پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن سىزنىڭ ھالىڭىزدىن مەن خەۋەر ئالىمەن!» دېدى.

  ئۇ «دادا»سىنىڭ كارىۋىتى يېنىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى، ھەرگىز بىخەستەلىك قىلمىدى، ئازراقمۇ ۋايسىمىدى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قارىشى نەتىجىسىدە، تۆلېگىننىڭ سالامەتلىكى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كەلدى.

  دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مېھىر - شەپقەتمۇ ئاتا - ئانىنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان مېھىر - شەپقىتىنى بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. جاۋ كەينىڭ دېيىشىچە، دادىسى تۆلېگىن بىلەن ئاپىسى سەمەيقان ئۇنىڭغا باشقىچە ئاجايىپ مېھىر - مۇھەببىتىنى بەرگەن بولۇپ، ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى