تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ نامرات ئاممىنىڭ خاتىرجەم، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ ئىشلىتىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ بىڭ، دۇ گاڭ) 5- ئاينىڭ باشلىرىدىكى شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى. ئويمانلىقنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بوستانلىق كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنتوختى جۈمە ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئېتىزدا جاپالىق ئىشلەپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدىغان بىر ئىستاكان سوغۇق قايناق سۇ ئىچىش. 61 ياشلىق بۇ بوۋاينىڭ قارىشىچە، بۇلتۇر پۈتۈن كەنتكە خاتىرجەم، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇملۇق قىرغىقىدىكىلەر تۇرمۇشتا ئەجدادلىرى تارتقان جاپالارنى يەنە تارتمايدىغان بوپتۇ.

  تۇرسۇنتوختى بوۋاي تۇرۇشلۇق خوتەن شەھىرىنىڭ ئاقچال يېزىسى بىلەن تەكلىماكان قۇملۇقىنى بىر ئىھاتە ئورمىنىلا ئايرىپ تۇرىدۇ. شىنجاڭدىكى كۆپ ساندىكى بوستانلىققا ئوخشاش، سۇ قىس بولۇش شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىق بولۇپ كەلگەن. بوۋاي كەنتتىكىلەرنىڭ ئىلگىرى پەقەت كۆلدىن سۇ توشۇپ ئىچىدىغانلىقىنى، دۇغلىشىپ كەتكەن سۇدا دائىم قۇرت ۋە كالا - قوي تېزەكلىرى لەيلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلىدى.

  1995- يىلى، كەنتتە قۇدۇق كولاپ يەر ئاستى سۈيى ئېلىنىشقا باشلىدى، گەرچە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ كاپالەتكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، لېكىن قۇدۇق سۈيى ھەم قىرتاق ھەم تۇزلۇق بولۇپ، كىشىلەر ئىچكەندىن كېيىن چىشلىرى سارغىيىپ كەتتى، يەنە بەزىلىرى تاش چۈشۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. 2017- يىلىغا كەلگەندە، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىگە تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلدى، سۇ ئىچىشلىك ھەم ئەرزان بولۇپ، ھەر توننىسىغا ئاران توققۇز مو ھەق ئېلىناتتى، «بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يۇيۇنۇش، چىش چوتكىلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردى».

  تۇرسۇنتوختى بوۋاينىڭ يۇرتىدىكىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇنىڭ تەمىگە بولغان ئەسلىمىسى شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىدىغان سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش جەريانىنى ئىسپاتلىدى. خوتەن شەھىرى يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئىچىدىغان سۇنى باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇقادىر ئابدۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاممىنىڭ سۇ قىس بولۇش، كۆل سۈيى ئىچىش تارىخىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، 1995- يىلى خوتەن ۋىلايىتى يېزىلارنى قۇدۇق كولاپ يەر ئاستى سۈيىنى ئېلىشقا تەشكىللىگەن، لېكىن يەر ئاستى سۈيىنىڭ فىتور مىقدارى، قاتتىقلىق دەرىجىسى، ئىشقارلىق دەرىجىسى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى بىردەك ئىچىدىغان سۇ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىپ، پەقەت ئاممىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مىقدارىغا بولغان ئېھتىياجىنىلا ھەل قىلغان. 2017- يىلىدىن باشلاپ، شۇ جاي يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان، مەركەز ۋە يەرلىك خوتەن شەھىرى ئاقچال يېزىسىغىلا 14 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، تۇرۇبا سۈيى زاۋۇتى قۇرۇپ، 15 ئىش تەرتىپىنى قوللىنىپ قىرتاق، تۇزلۇق سۇنى بىرتەرەپ قىلغان، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن يېزىدىكى 5500دىن كۆپرەك كىشى خاتىرجەم، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولغان.

  بۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بارغانسېرى كۆپلىگەن نامرات يېزا - قىشلاقلاردا ئىچىدىغان سۇنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2012- يىلىدىن 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 3 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئىككى يىلدا، شىنجاڭ يەنە 120 تۈرلۈك ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، قېپقالغان 361 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ خاتىرجەم، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، بىرمۇ كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى