تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇنتۇلغۇسىز سېسترالار بايرىمى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى

5- ئاينىڭ 12- كۈنى، خىزمەتداشلىرى ۋاڭ لىيىڭ (ئالدىنقى رەت سولدىن 2- كىشى)غا بەخت تىلىمەكتە.

5- ئاينىڭ 12- كۈنى، ۋاڭ لىيىڭ (ئوڭدا) ئاغرىقتىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى سورىماقتا.

5- ئاينىڭ 12- كۈنى، ۋاڭ لىيىڭ (ئوڭدىن 2- كىشى) سېسترالارغا شۇ كۈنلۈك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرماقتا.

  5- ئاينىڭ 12- كۈنى خەلقئارا سېسترالار بايرىمى، شۇ كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا تاشقى كېسەللىكلەر كېسەلخانا بۆلۈمىنىڭ سېسترالار ئىشخانىسىدىن كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «مەن يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىمەن، بۇ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى سېسترالار بايرىمىم بولغاچقا، مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئۇنتۇلغۇسىز ھېسابلىنىدۇ» دېدى بۇ دوختۇرخانا تاشقى كېسەللىكلەر سىستېمىسى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى ۋاڭ لىيىڭ خىزمەتداشلىرى سوۋغا قىلغان گۈلنى ئېلىپ خۇشال ھالدا.

  1980- يىلى، ۋاڭ لىيىڭ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا سېسترالار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، بۇ دوختۇرخانىنىڭ كۆيۈك بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ سېسترا بولدى. «پەرۋىش قىلىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا 40 يىل بولاي دېدى، ھازىر ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمى، جىگەر - ئۆت كېسەللىرى بۆلۈمى قاتارلىق 16 بۆلۈم - ئىشخانىنىڭ پەرۋىش قىلىشنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك، تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇۋاتىمەن » دېدى ۋاڭ لىيىڭ.

  سېسترالىقتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت بىر قەدەر ئالاھىدە بولۇپ، خىزمەتكە ئەتىگەن بېرىپ كەچ قايتىدۇ، دائىم يەنە دىجورنىلىق قىلىدۇ. «مېنىڭ بىر كۈندە ئون سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشىم بىر قەدەر نورمال ئىش، ئىشقا ئەتىگەن بېرىپ كەچ قايتقاچقا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى مەن ئۈچۈن ھاجەتسىز بولۇپ قالدى.» ۋاڭ لىيىڭ كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى: سېسترالارنىڭ خىزمىتى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، ئاغرىقلار داۋالاش - پەرۋىش قىلىش خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ «رەھمەت» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاش داۋالاش - پەرۋىش قىلىش خادىملىرى ئەڭ خۇشال بولىدىغان ئىش.

  «پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، مەن يەنە ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىش ئورنۇمدا ئاخىرغىچە ياخشى تۇرىمەن» دېدى ۋاڭ لىيىڭ.

  مۇخبىر بۇ ئالاھىدە كۈندە، ئائىلىسىدىكىلەرگە دەيدىغان سۆزىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورىغاندا، ۋاڭ لىيىڭ ناھايىتى تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، شۇنچە يىللاردىن بۇيان مەن بىر خوتۇنلۇق ۋە ئانىلىق مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلالمىدىم، مەن ئۇلارغا <مېنى كەچۈرۈڭلار> دېمەكچى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىمنى ئائىلەمدىكىلەرگە بېرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئائىلە شادلىقىدىن بەھرىمەن بولىمەن».

  پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ياردەملىشىپ، ئاغرىقلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇش. خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، سېسترالار كۆپ قىسىم ۋاقتىدا ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق پەرۋىش ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ھازىرقى زامان پەرۋىش مائارىپىنىڭ ئۇل سالغۇچىسى فلورېنسې نايدىنگېرنىڭ سېسترالار توغرىسىدىكى قەسىمىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى