تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

«مۇقىملىق» خاراكتېرى گەۋدىلىك نامايان بولدى «ئىلگىرىلەش» بوشلۇقى كېڭەيدى

− جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئاساسىي تەرەپتىن نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ جياشىن، چېن ۋېيۋېي، ۋاڭ يۈشياۋ

  ئىستېمال دەرىجىسى ئۆسۈش يۈزلىنىشى روشەن بولدى، سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىملىشىپ قايتا ئۆرلىدى، ئېكسپورتتا داۋاملىق ئېشىش ساقلاندى...

  بۇ يىلدىن بۇيان، مەيلى ماكرو سىياسەتنى تەڭشەش - تىزگىنلەش بوشلۇقىدىن قارىغاندا ياكى مىكرو كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا بولسۇن؛ مەيلى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمىدىن قارىغاندا ياكى ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا بولسۇن، بازار ئېھتىياجى غايەت زور، تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقى تېخىمۇ يېتەرلىك بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملىق» خاراكتېرى تېخىمۇ گەۋدىلىك نامايان بولدى، كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقى جەزمەن تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

   «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» تەڭ كۈچىدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ياخشى ھالەت ساقلاندى

  يېقىنقى مەزگىلدە بىر قاتار ئىستېمال سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن كىشىلەر ئۈمىدكە تولدى −

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1- ماي»لىق قىسقا دەم ئېلىشتا، دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 195 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە %13.7 ئاشتى؛

  بىرىنچى پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە توردا پارچە سېتىش سوممىسى 2 تىرىليون 240 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.3 ئاشتى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40 ئاشتى؛

  بىرىنچى پەسىلدە، يېمەك - ئىچمەك كىرىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، %9.6 كۆپەيدى...

  ئىستېمال يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچى»سىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بىرىنچى پەسىلدە، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %65.1كە يېتىپ، ئاساس خاراكتېرلىك رولى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇردى، سېلىنما، ئېكسپورتتىن ئىبارەت «ئىككى ئاتلىق ھارۋا»مۇ كۈچىمەكتە −

  بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۇقىم قايتا ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن %0.4 پوئېنت ئۆرلىدى، «سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ئۈنۈمى تېخىمۇ نامايان بولدى.

  ئالدىنقى تۆت ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 5 تىرىليون 60 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.7 ئاشتى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ ئېكسپورتى بەلگىلىك تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن تاشقى سودىنىڭ ئومۇمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئۆزگەرمىدى.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئورتاق كۈچەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2019- يىلى ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

  بىرىنچى پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «نەتىجە قەغىزى» «مۇقىملىق» خاراكتېرىنى گەۋدىلىك نامايان قىلدى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4ئېشىپ، بۇلتۇر تۆتىنچى پەسىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى، بولۇپمۇ 3- ئايدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك قايتا ئۆرلەپ، بازار كۆزلىمىسىدىن ياخشى بولدى.

  جۇڭگو خەلق داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن شۆيۈەن باشلىقى ۋاڭ جىنبىن مۇنداق دېدى: تاشقى مۇھىت كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان، ئىقتىساد تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاسان ئەمەس. ئەمەلىيەت «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ جۇڭگو ماكرو ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغانلىقىنى، نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قاراۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى(IMF)يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو بۇ يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرگەن بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. IMFنىڭ لىدىرى لاگارد باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيا جۇڭگوغا موھتاج، پۈتۈن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى جۇڭگونىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ».

  «گەرچە بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادىي كۆلەمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۈزلىنىشى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي يۈزلىنىشنىڭ يۆنىلىش كۆرسەتكۈچى. بىرىنچى پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم باشلىنىشى پۈتۈن يىللىق يۈزلىنىش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى، بىزنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز، شارائىتىمىز، ئىقتىدارىمىز تولۇق» دېدى دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈەن دا.

   تەمىنات تەرەپلىك ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش «يېڭى قىياپەتكە كىردى»

  «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى» دېدى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ. بۇ ئىككى كۈندە، شاڭخەي «جۇڭگو سۈپەتلىك ماركا كۈنى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى، كارخانىلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، سۈپەتلىك ماركا ئارقىلىق بازار ئېچىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرىنى نامايان قىلدى.

  بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان چۇاڭۋېي گۇرۇھىنىڭ بۇلتۇر چەت ئەل بازىرىدىكى تىجارەت سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.7 ئاشقان. چۇاڭۋېي سۈپەتلىك ماركا بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى جاۋ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ دەل كارخانىمىزنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا سۈپەتلىك ماركا ياراتقانلىقىدىن بولدى. كەلگۈسىدە بىز داۋاملىق بۇ يولنى بويلاپ ماڭىمىز».

  مەھسۇلات ئىقتىسادىدىن سۈپەتلىك ماركا ئىقتىسادىغىچە، سۈپەتلىك، باھاسى ئەرزان بولۇشتىن قىممەت زەنجىرى يۇقىرى ئۇچىغىچە، كارخانىلار سۈپەتلىك ماركىنى «قۇچاقلاپ»، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تەمىنات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك قوش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى.

  «تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ساغلام بولۇشىدىكى مۇھىم يول، بۇ، مەھسۇلات ۋە كارخانا رىقابەت كۈچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى جۇڭگو خەلق داشۆسى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شياۋسۇڭ.

  جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «سۈپەت» جەھەتتىكى ئۆزگىرىشى بارغانسېرى ئېنىق بولماقتا −

  ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بىرىنچى پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىنىڭكىدىن %5.1 پوئېنت تېز بولدى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىنىڭكىدىن %13 پوئېنت تېز بولدى؛

  ئېكسپورتتا يۇقىرى تېخنىكا مىقدارى گەۋدىلىك بولدى. ئالدىنقى تۆت ئايدا، دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 2 تىرىليون 970 مىليارد يۈەن بولۇپ، %4.5 ئاشتى؛ بىرىنچى پەسىلدە گۈللەنمە مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 458 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6ئېشىپ، ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن %10 پوئېنت يۇقىرى بولدى؛

  ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بىرىنچى پەسىلدە، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئاخىرقى ئىستېمالدا ئىگىلىگەن سالمىقى %47.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %1.4 پوئېنت ئېشىپ، ئىستېمالنىڭ «يېرىم زېمىن»ىنى دېگۈدەك ئىگىلىدى...

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن كەلدى. بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن داۋاملىق يۇقىرى بولدى. ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيەنىڭ بەزى تاراتقۇلىرى باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جۇڭگو ئىقتىسادىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «ئېشىش ھېكايىسى»نى كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان قىلدى.

  يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يەنە ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىشتىن كەلدى. بىرىنچى پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۈنىگە 16 مىڭ 500 كارخانا يېڭىدىن تىزىملىتىپ قۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن 341 مىليارد 100 مىليون يۈەن باج كېمەيتىلدى، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، بازار ئىجازىتى سىجىل قويۇۋېتىلدى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش زورايتىلدى، ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتى، چوڭقۇرلاشتى.

   ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىردى، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئاچتى

  پىكىر يولىنى ئېچىش دەل بىر پارچە يېڭى بوشلۇق ئېچىشتۇر.

  تەنھەرىكەت راھەت ئاياغلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا دىققىتىنى ئاغدۇرغان فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى خۇائاڭ تەنھەرىكەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى بىر تىپىك تاشقى سودا كارخانىسى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %30تىن %40كىچە ئارىلىقتا ساقلىدى، نۆۋەتتىكى تاشقى مۇھىتنىڭ كەسكىنلىكى بۇ كارخانىنى نەزەرىنى دۆلەت ئىچىگە قارىتىدىغان قىلدى.

  «بىز دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتۇق، بۇ بازارنى كېڭەيتىش بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز.» شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى دۇ پىخۇاڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىزنىڭ بۇ يىللاردا كۈچەپ ئۆز ئالدىغا سۈپەتلىك ماركا يارىتىشى ھەم پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە ئۇزارتىشى دەل بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرۈلگەن تەييارلىق.

  1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسنى قاپلىغان چوڭ بازار، 400 مىليوندىن ئاشىدىغان ئوتتۇرا كىرىمدىكى توپنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارى... بۇنداق غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ مۇقەررەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىشەنچىگە ئايلىنىدۇ.

  بۇنداق يوشۇرۇن كۈچنى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار كۆرۈپ يېتىپلا قالماي، ئۇ يەنە دۆلەت سىرتىدىكى كارخانىلارنى جەلپ قىلىدىغان «ماگنىت»قا ئايلاندى. ۋاررېن باففېت ئېنىق قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو چوڭ بازار، «بىز چوڭ بازارنى ياقتۇرىمىز». ئۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسى 15 يىلدا، شىركىتىمىز جۇڭگو بازىرىدا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن.

  نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۆزلىگەندە، ئاندىن يېڭى كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى تاپقىلى بولىدۇ.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، كورېيە، رۇسىيە قاتارلىقلارغا بولغان ئېكسپورتى ئايرىم - ئايرىم %14.2، %13.4، %7.7 ۋە %9.1 ئاشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتقا تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىنى كۆزلەپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىشىشكە ئۆزگەرمەكتە.

  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى، شەھەرلەر ئارا قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداش... دەل جايىدا ۋە ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش پۈتكۈل ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈردى.

  سىياسەتنىڭ ئۈنۈمى جۇڭگو ئىقتىسادىدا كۆمۈلۈپ ياتقان يوشۇرۇن كۈچنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بەرمەكتە −

  يېڭى شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، قوشۇلما قىممەت بېجى باج نىسبىتىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى، 24 ماددىلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش سىياسىتى «سوۋغات بوغچىسى»نىڭ چىقىرىلىشى... بىر قاتار سىياسەتلەر ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بەردى؛

  سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، مۇھىم، زور تۈر زاپىسىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي كاپىتالنى، بولۇپمۇ ئەلئارا كاپىتالنى قوزغىتىش... بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر مەبلەغ سېلىپ كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلىدى؛ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ گۈللەنمە بازارنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئاشۇرما قىممەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتى كېڭەيتىلىپ، سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلدى... تاشقى سودىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە ساناقلىقلا كۈن قالدى.

  «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئەستايىدىل، ياخشى قىلىش» دېدى جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى