تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شەخسىي ئۇچۇرلارغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

  شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ): يېڭى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى قولىڭىزغا ئېلىشىڭىزغىلا، ئۆي زىننەتلەش شىركەتلىرىنىڭ تېلېفونى «كېلىشىۋالغاندەكلا سايرايدۇ»؛ سۇغۇرتا ۋاقتى توشاي دېگەندە، ھەرخىل سۇغۇرتا سېتىش تېلېفونلىرى سايراشتىن توختىمايدۇ... نۇرغۇن ئىستېمالچى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ باققان.

  ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇشۇ ئايدىن باشلاپ 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، «ئىستېمالنى قوغداش» ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش مەخسۇس قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش ئارقىلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس قانۇن ئىجراسى ھەرىكىتىدە ئۆي ئىجارە بېرىش - سېتىش، ئاز سوممىلىق قەرز پۇل مۇئامىلىسى، مائارىپ-تەربىيەلەش، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىلىكى، ھۆسن تۈزەش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، زىننەتلەش ۋە بېزەش، ساياھەت، ياتاق، تېز يەتكۈزۈش، تېلېفوندا مەھسۇلات سېتىش، تور بېكەت ياكى APP تىجارىتى قاتارلىق شەخسىي ئۇچۇرلارغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار كۆپ يۈزبېرىدىغان كەسپ، ساھەلەردە ئىستېمالچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى توپلاش، ئاشكارىلاش - سېتىش ياكى توپلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارغا قانۇنسىز تەمىنلەپ بېرىش، شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئىستېمالچىلار رەت قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەندىن كېيىنمۇ، يەنە ئۇلارغا سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنى يوللاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىش ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ئىستېمالچىلارغا بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى