تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 1000 كۈنلۈك تەتۈر ساناق مەزگىلىگە كىردى

5-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەتۈر ساناق تاختىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى (5-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ زىجيەن فوتوسى
بېيجىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى مەيدان-سارايلار تۈرى جەمىئي 17 گە يەتكەن بولۇپ، ھازىر 14 تۈردە ئىش باشلاندى، 2019-يىلى ئىككى تۈردە قۇرۇلۇشنى تاماملاش پىلانلاندى. يەنچىڭ مۇسابىقە رايونى تۈرىدە جەمئىي تۆت مەيدان-ساراينى يېڭىدىن قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، ھەممىسىدە ئىش باشلاندى. جاڭجياكۇ مۇسابىقە رايونىدا جەمىئي 76 قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 67 تۈرىدە ئىش باشلاندى، قالغان 9 تۈردە پىلان بويىچە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىنىدۇ. سۈرەتتە: قۇرۇلۇش خادىملىرى يەنچىڭ مۇسابىقە رايونىدىكى دۆلەتلىك قار ھارۋىسى چانا مەركىزىدە مۇسابىقە يولى قۇرۇلۇشى قىلماقتا (5-ئاينىڭ 8-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ خۈەنزۇڭ فوتوسى
دۆلەت پەشتاقتىن سەكرەپ چاڭغا تېيىلىش مەركىزىنىڭ قۇم مودېلى ئۈنۈمى خەرىتىسى (1-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بى مىڭمىڭ فوتوسى
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلىگراممىسى (مۇخبىر جى خۇا، ۋاڭ يوڭ، ۋاڭ چىنئوۋ): 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەتۈر ساناق 1000 كۈن پائالىيىتى ئولىمپىك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. لىڭلوڭ مۇنارى چوڭ ئېكرانىدا 1000 كۈن سانىنىڭ نامايان بولۇشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى «بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ھەرىكەت پىلانى»نى ئېلان قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى