تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

5-ئايدا غۇلجا ناھىيەسى توغرىسۇ يايلىقى قاتمۇقات «يېشىل دولقۇن» ھاسىل قىلدى

  تىيانشان تورى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز يۈەن يۈلوڭ، فېڭ لەن): 5-ئاينىڭ باش ياز پەسلىدىكى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى توغرىسۇ يايلىقى ئالدىنقى تاغ ئەتىيازلىق ئوتلىقى، باھار يامغۇرى ئاستىدا ياپيېشىل ئۆت-چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ، ئېگىز-پەس تاغ باغرى خۇددى قەۋەت-قەۋەت «يېشىل دولقۇن» كۆتۈرۈلگەندەك، چەكسىز گۈزەل تۈسكە كىردى. بۇ جاينىڭ ئوت-چۆپلىرى مول، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، يايلاپ يۈرگەن سېمىز قوي-كالىلارنىڭ مەرىگەن-مۆرىگەن ئاۋازى بىلەن باشلامچى قوينىڭ مىس قوڭغۇرىقىنىڭ ئاۋازى بىرلىشىپ تاغ جىلغىسىدا ئەكس سادا پەيدا قىلاتتى، كىگىز ئۆيلەر خۇددى مەرۋايىتتەك يايلاققا زىننەت قوشۇپ، گۈزەل يايلاق مەنزىرىسى بىلەن يېقىملىق چارۋا ناخشىلىرى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش