5-ئاينىڭ 12-كۈنى، «چوڭ كۆۋرۈك دېڭىز چايكىسى» ناملىق كرانلىق كېمە تۆشۈكلۈك پولات لىمنى ئېسىپ قۇراشتۇرماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، «چوڭ كۆۋرۈك دېڭىز چايكىسى» ناملىق كرانلىق كېمە ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى 35.5 مېتىر كېلىدىغان تۆشۈكلۈك پولات لىمنىڭ تۈۋرۈك چوققىسىغا پۇختا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پىڭتەن بوغۇزى تاشيول ۋە تۆمۈريولدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان چوڭ كۆۋرۈكنىڭ پۈتۈن كۆۋرۈكىدە قاتناش يۈرۈش مەنئىي قىلىنىدىغان تۆشۈكلۈك پولات لىم پۈتۈنلەي قۇراشتۇرۇلۇپ، 2019-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ رېلىس ياتقۇزۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. پىڭتەن بوغۇزى تاشيول ۋە تۆمۈريولدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىشلىتىدىغان چوڭ كۆۋرۈكى قوش قەۋەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈريول چوڭ كۆۋرۈكى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 16.34 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئۈچ قاتناش تۆشۈكى يانتۇ تارتما كۆۋرۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، فۇجوۋ-پىڭتەن تۆمۈريولى، چاڭلې-پىڭتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى يېڭىدىن سېلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىدۇر.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۈەن فوتوسى)
5-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئىشچىلار پىڭتەن دېڭىز بوغۇزى تاشيول ۋە تۆمۈريول كۆۋرۈكىدە بىر تۆشۈكلۈك پولات لىمنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئاسما ئارقاننى يەشمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لىن شەنچۈەن فوتوسى)