تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك». مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدۇق، 70 يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بىز كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنە تاغ - داۋانلاردىن ئېشىشقا، دەريالارنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ. ھازىرقىدەك پاراخوت ئوتتۇرا ئېقىنغا بارغاندا دولقۇن تېخىمۇ كۈچەيگەن، ئادەم يېرىم يولغا بارغاندا ئىلگىرىلەش تېخىمۇ قىيىنلاشقان پەيتتە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ھۇجۇم بىلەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۆتكەلنى ئىگىلىشىگە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ئاندىن يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپە ئۈچۈن ياخشى، بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتالايدۇ.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىشتا ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرىدۇ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىق خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنچىللىق ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىجرا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمى كىشىلەرنى تولۇق قايىل قىلىش. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن، ئۈنۈمنى قوغلىشىشنى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن، قانۇن ئىجرا قىلىش مەقسىتىنى قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى قانۇن ئۈنۈمى، سىياسىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇننىڭ نوپۇزى خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە چىن ئېتىقادىدىن كېلىدۇ. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى پەسەيتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىشتا ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن ئورگانلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ساقچى تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ئىش ھوقۇقى ئېنىق، قوماندانلىقى راۋان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئاپپارات فۇنكسىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ جەزمەن پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، قوللىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جەزمەن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش، ئىش بېجىرىشى ئاستا بولۇش، كۆپ قاتراش، قولايسىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىشتا يۇقىرى ساپالىق، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. «قانۇن ئادەمنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىدارە قىلىشى، يىراقنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېقىننى ئىدارە قىلىشى كېرەك». جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان قاتتىق مۈرىنى چېنىقتۇرۇشتا پولاتتەك غايە - ئېتىقادقا، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتكە، پولاتتەك ئىنتىزامغا، ئىستىلغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنى قۇرغاندىلا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ.

  «كۆز ئالدىمىزدىكى مىڭلىغان تاغلار يېشىللىققا پۈركەندى، شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ يەلكەن چىقىرىلدى». بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت ياراتساقلا، بىز چوقۇم جۇڭگو ناملىق غايەت زور پاراخوتنى ھەيدەپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا ئىلگىرىلىتەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى