تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ، سېھرىي كۈچكە تولغان تاغ گۈلى بايرىمىنى باشلىدى

5- ئاينىڭ 10- كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا چوغلۇق جىلغىسىدا گۈل سەيلىسى قىلماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېن شىشىن فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «بىر تۈپ كىچىك ئاق تېرەك، ئۆستى قاراۋۇلخانا يېنىدا؛ يىلتىزى چوڭقۇر، غولى يوغان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنى قوغدىماقتا...» 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، تارباغاتاينىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىدا، ھەممەيلەن پىششىق بىلىدىغان «كىچىك ئاق تېرەك» دېگەن ناخشا بىلەن 13- نۆۋەتلىك تارباغاتاي چاغانتوقاي تاغ گۈلى بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.

  ھەر يىلى 5- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 1000خىلدىن ئارتۇق تاغ گۈلى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ، خۇش پۇرىقى ھەر تەرەپكە تارىلىپ، جۇڭگولۇق، چەت ئەللىك نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنى كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. 5- ئاينىڭ بېشىدىن 8- ئاينىڭ بېشىغىچە، 100 كۈن داۋاملىشىدىغان تاغ گۈلى بايرىمى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن يىللىق «ساياھەت ئارخىپى»غا سىڭدۈرۈلىدۇ.

  باشلىنىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن نەچچە يۈز ساياھەتچى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى پۇلاڭلىتىپ، سەھنىدىكى ناخشىچى بىلەن بىللە «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. «بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنى تاللاپ تاغ گۈلى بايرىمى ئۆتكۈزۈشتە، قىزىل ساياھەت بىلەن ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە چىن دىلىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.» چاغانتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ كېچىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە چاغانتوقاي ناھىيەسى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.

  پائالىيەت كۈنى، ساياھەتچىلەر كىچىك ئاق تېرەك كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يول بويى تاستى دەرياسى ۋادىسى، تۆرجايلاۋ يايلىقى قاتارلىق ئىپتىدائىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىلەردىن بەھرىلەندى.

  بۇ نۆۋەتلىك تاغ گۈلى بايرىمىدا «گۈلدەك چاغانتوقاي سېھرىي كۈچكە تولغان 9- شى» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، بايرامنى تۇنجى قېتىم چاغانتوقاي ناھىيەسى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شى 161- تۇەنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ بارلۇق تېغىنى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقماقچى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى