تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مائارىپ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 10- كۈنى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خادىملىرى ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىشىگە ئالاقىدار ئېتىبار سىياسەتنى كۆپەيتتى، كونكرېت بەلگىلىمە «دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قوشۇنى خادىملىرى ھەم ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشكە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئورۇن تەرتىپىنى ئېلان قىلىشنى؛ 6- ئاينىڭ 26- كۈنى ھەرقايسى تۈركۈملەرنىڭ ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىدى؛ 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا ئارزۇ تولدۇرۇشنى تاماملايدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر سەككىز تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ: تولۇق كۇرسقا ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغان تۈركۈم [سەنئەت تۈرى، تەنتەربىيە تۈرى، ھەربىي - ساقچى جامائەت خەۋپسىزلىكى تۈرى ۋە باشقا ئالدىن ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ(كەسىپ)لىرى]؛ نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمى [دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيەلەر، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ(كەسىپ)لەر]؛ ئۆز ئالدىغا تاللاپ قوبۇل قىلىش تۈركۈمى؛ تولۇق كۇرس 1- تۈركۈمى؛ نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم تۈرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2- تۈركۈمى؛ تولۇق كۇرس 2- تۈركۈمى؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىن قوبۇل قىلىش تۈركۈمى؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى.

  «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى»نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)دىن سۈرۈشتۈرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى