تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«گۈزەل ھويلا - ئاران» يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھەمدەم بولدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن گۈزەل ھويلا - ئاراننى سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيىتىدە گۈلقىز ساۋۇتنىڭ ھويلىسى «گۈزەل ھويلا - ئاران» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ئاچال كەنتىنىڭ ئاياللار مۇدىرى ئادالەت مىجىت (ئوڭدا) مۇكاپاتلاپ بەرگەن كىيىم ئىشكاپىنى گۈلقىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى.

5- ئاينىڭ 7- كۈنى، گۈلقىز ساۋۇت (ئوتتۇرىدا) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى گۈلجەننەت ئابدۇكېرىم بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقتا.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى ئاچال كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇكېرىم مەترېھىم ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدىن خۇشال كۈلكە - چاقچاق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئابدۇكېرىمنىڭ خوتۇنى گۈلقىز ساۋۇت ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىللە، داشۆدە ئوقۇۋاتقان قىزى گۈلجەننەت ئابدۇكېرىم بىلەن سىنلىق پاراڭلىشىۋاتاتتى.

  ئابدۇكېرىمنىڭ ھويلىسى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، تۇرمۇش رايونى، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون ئايرىلغانىدى. ھويلىنىڭ بىر تەرىپىگە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان تازىلىق ئۆيى ۋە ئايرىم مۇنچا سېلىنغان بولۇپ، ھويلا سىرتىدىكى بوش يەرگە كېۋەز تېرىلغانىدى.

  يالغۇز ئابدۇكېرىمنىڭ ئائىلىسىدىلا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ قالماي، بۈگۈنكى كۈندە ئاچال كەنتىدىكى ھەممە ئائىلىدە ئۆزگىرىش بولدى، ھويلا - ئارانلار ئۆزگەرتىلىپلا قالماي، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۆيلىرىگە سافا، تاماق ئۈستىلى، سۇ ئىسسىتقۇچ قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاچال كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ئارزىگۈل بىلال مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، كەنتتىكى كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن باشلاپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشنى قەدىرلەش باش تېما قىلىنغان <ئۈچ يېڭى> پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتتى. تۇرمۇش مۇھىتى ۋە كەنت قىياپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قوزغىدى».

  2018- يىلى، ئاچال كەنتىدە ھويلا - ئاراننى ئۆزگەرتكەن كەنت ئاھالىسى 200 نەچچە ئائىلىلىككە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، 30 ئائىلە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن گۈزەل ھويلا - ئاراننى سېلىشتۇرۇپ باھالاش پائالىيىتىدە تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى