تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

پۇتبول تېپىدىغان بالىلار تېخىمۇ روھلۇق بولىدىكەن

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەنتەربىيە دەرسلىكى تېخىمۇ كۆپ يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە كىرىشكە باشلىدى، مەكتەپ تەنتەربىيەسى ئارقىلىق يېزا - كەنت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان خاراكتېرىنى، ئالاھىدىلىكىنى قانداق يېتىشتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

  چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ تۆت ئەتراپى تاغ بولۇپ، چۇڭچىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تاغ ئىچكىرىسى ئىلگىرى بېكىنمە ھالەتتە ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۈركۈم تۈركۈم تاغلىق بالىلار توپ تېپىشتىن نەتىجە قازىنىپ، يېقىنقى ئۈچ، تۆت يىلدا شەھەردىكى چوڭ - كىچىك مۇسابىقىلەردە 10 نەچچە چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتى. شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن مەكتەپلەرنىڭ ئالايىتەن كېلىپ ياخشى «نوتا تاللىشى»، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىنىدىغان يېڭىلىقىغا ئايلاندى.

  نېمە ئۈچۈن يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ؟ بالىلارنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىنىڭ قانداقلىقىنى دېمەي تۇرايلى، يېزا مەكتەپلىرىدە، تەنتەربىيە دەرسلىكى ئەزەلدىن قىيىن مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى كۆپ ئەمەس، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس، تەنتەربىيە دەرسىدە گىمناستىكا ئوينىلىدۇ ياكى دەرس ۋاقتى بىكار ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاتا - ئانىلارمۇ تەنتەربىيە دەرسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەن: بالا بولغاندىن كېيىن، ئاغرىق - سىلاق بولمىسىلا ساغلام ھېسابلىنىدۇ، ياخشى ئۆگىنىش قىلغىنى ئەۋزەل.

  شىجۇ تۇجيا ئاپتونوم ناھىيەسىدە، سەنخې باشلانغۇچ مەكتىپى ئىلگىرى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ئۇچرىغان مەكتەپ ئىدى. يېزا بالىلىرى يۈگۈرۈشكە، ھەرىكەت قىلىشقا ئامراق، بىراق ۋاسكېتبول ئويناش، ۋالىبول ئويناش جەھەتتە بەدەن شارائىتى شەھەرلىك بالىلارغا يەتمەيدۇ، پەقەت پۇتبول تېپىشتا بولسا، چىدامچانراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەۋزەللىككە ئىگە. مەكتەپ بالىلارغا توپنى ئويۇن ئورنىدا ئوينىتىشنى خالىمىغانلىقتىن مەخسۇس بىر پارچە يەرنى تۈزەپ پۇتبول مەيدانى قىلىپ بېرىشنى پىلانلىدى؛ تىرېنېر بولمىغانلىقتىن، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى شەھەر رايونىدىكى مەكتەپكە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، قايتىپ كېلىپ بالىلارغا ئاز - ئازدىن ئۆگەتتى. نۆلدىن باشلاپ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈردى، بالىلار چېمپىيون بولدى، نام چىقاردى. تونۇشتۇرۇلىشىچە، ھازىر سەنخې باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ پۇتبولى پەيدىنپەي «جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش – تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىش – تالانتلىق ئوقۇغۇچىلار يېتىشىش»تەك ياخشى دەۋرىي ئايلىنىشقا قەدەم قويغان.

  پۇتبولنى ياخشى تېپىشنىڭ تاغلىق بالىلارغا ئېلىپ كەلگىنى تېخىمۇ ياخشى بولغان بەدەن ساپاسىلا بولۇپ قالماي، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان يولدىن بىرنى كۆپەيتكەنىدى، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئىشەنچكە تولغانىدى. گەرچە شەھەرگە كىرىپ ئوقۇيالايدىغان، توپ تېپەلەيدىغان بالىلار ھازىرچە پەقەت ئاز ساننى ئىگىلىسىمۇ، بىراق بالىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاتا - ئانىلار كۆرۈپ تۇردى، «پۇتبول تېپىدىغان بالىلار تېخىمۇ روھلۇق بولىدىكەن».

  بالىلاردىكى ئۆزگىرىشلەر، دەل يېزا كەنت مەكتەپ تەنتەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى بولدى. سەنخې باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيدە قالغان بالىلار بولۇپ، ئىلگىرى كەچ 8:00دە، نۇرغۇنلىغان بالىلار تورخانىغا كىرەتتى؛ ھازىر كەچ 8:00دە، بازاردا چىراق ئەڭ يورۇق يېنىپ تۇرىدىغان جاي دەل مەكتەپ مەيدانى بولدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەدەت ئاۋازلىرىدا، بالىلار تەرلىرىنى ئاقتۇرغىنىچە، پۇتبول ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلاندى.

  يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان ئۇنىۋېرسال ئوقۇتقۇچىلار ئىش ئورۇنغا چىقىپ، يېزا، كەنت مەكتەپ تەنتەربىيەسىگە يېڭى تەرەققىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەنتەربىيە دەرسى نۇرغۇن يېزا كەنت مەكتىپىگە كىردى، «تەنتەربىيە دەرسى قوشۇمچە دەرسىنىڭمۇ قوشۇمچىسى» دېگەن قاراشلارمۇ ئاستا - ئاستا ئۆزگەردى. مەكتەپ تەنتەربىيەسى ئارقىلىق يېزا - كەنت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان خاراكتېرىنى، ئالاھىدىلىكىنى قانداق يېتىشتۈرۈشتە، ئويلىنىش ۋە تىرىشچانلىق توختاپ قالسا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى