تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۆز ئەتراپى قارىداشنى كېسەلگە قاراپ يەڭگىللىتىش كېرەك ‏

  كۆز ئەتراپى قارىداش ئادەمنىڭ چىرايىنى خۇنۈك كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز ئەتراپى قارىداپ قالسا، ناھايىتى تەستە يوقايدۇ. كۆز ئەتراپى قارىداشنى يوقىتىشتا، ئالدى بىلەن شەكىللىنىش سەۋەبى، تۈرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئاندىن «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش»كە بولىدۇ.

  تېرە بوشاپ كەتسە، كۆز ئەتراپى قارىداپ قالىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە بوشايدۇ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆز ئاستى تەدرىجىي قارىدايدۇ. شۇڭا تېرە ئاسرىغاندا تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدىغان كۆز مەلھىمى ئىشلىتىش، دائىم كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىششىق كۆز ئەتراپى قارىداشنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچىش، تېتىتقۇلىرى كۆپ تاماق يېيىش قاتارلىق ئىششىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئادەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

  قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا، كۆز ئەتراپى كۆكىرىپ قالىدۇ. كۆز ئەتراپىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمىسا، كۆز ئەتراپى كۆكۈچ قارا رەڭدە بولۇپ قالىدۇ. قان ئازلىق، كۆز ئۇزاق مۇددەت چارچاش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ ھەممىسى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈز قىسمى ۋە باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش، ئىسسىق لۆڭگە يېقىش ياكى ئىسسىق كۆز توسقۇچ تاقاش، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، دائىم ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشمۇ يۇقىرىقىدەك كۆز ئەتراپى كۆكۈرۈش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

  پىگمېنتلار چۆكۈپ قالسا، كۆز ئەتراپى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ قالىدۇ. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ چۈشۈشى قارا پىگمېنتنى كۆز ئەتراپىغا چۆكتۈرىدۇ، بۇ داغنىڭ بىر خىلى. شۇڭا كۆز گىرىمى قىلغاندا ھەرىكىتى سىلىق بولۇش؛ سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرى كۈچلۈك بولغاندا ئاپتاپتىن توسۇش كۆزەينىكى تاقاش؛ ئاقارتىش ئۈنۈمى بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كۆز ئەتراپى زىيادە سەزگۈرلىشىپ، قىچىشىپ، ياللۇغلىنىپ، دائىم كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا، پىگمېنتلارنىڭ چۆكمە بولۇپ قېلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. (خۇ جېن)

  جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى