ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يى): ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-يەسلى يېقىندا «ئىلىم-پەننى قەدىرلەش، ئەقىل-پاراسەتنى ئېچىش» تېمىسىدا ئاۋىياتسىيە ئىزدىنىش سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، قۇياش سىنىپىدىكى كىچىك دوستلار ئاۋىياتسىيەگە دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندى ھەم «ئاۋىياتسىيە ئىزدىنىش سەپىرى» نى ئۆز بېشىدىن كەچۈردى.
شۇ كۈنى، يەسلىنىڭ «قۇياش سىنىپى»دىكى بالىلار ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ تەقلىدىي بۆلۈمچىسىدە تەرتىپ بويىچە ئۆزلىرى ياسىغان DIY ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى ئېلىپ تەقلىدىي بۆلۈمچىگە كىردى، يولۇچىلار بۆلۈمچىسىنىڭ مۇلازىمەت يېتەكچىسى بالىلار بىلەن تەقلىدىي بۆلۈمچىدە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئايروپىلانغا چىقىش ساۋاتلىرىنى چۈشەندۈردى، بالىلارنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى ئۇچۇش بۆلۈمى ئايروپىلان باشلىقى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش بولدى، ئۇچۇش بۆلۈمىنىڭ ئايروپىلان باشلىقى ئايروپىلان مودېلىنى تۇتۇپ بالىلارغا ئايروپىلاننىڭ ئاساسىي ئۇچۇش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈردى، يەنە بالىلار سورىغان ئايروپىلان، ئۇچۇش جەريانىغا ئائىت سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئامانلىق قوغداش بۆلۈمىنىڭ ئامانلىق ساقلاش يېتەكچىسى بالىلارغا ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە دائىر بىلىملەرنى چۈشەندۈردى. بالىلارنى بىرقەدەر ھەقىقىي تەقلىدىي تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئايروپىلان خادىملىرى يەنە بالىلارغا «ئاۋىياتسىيە تامىقى» تارقىتىپ بەردى، ئاخىرىدا بالىلار تولۇق ھوسۇلغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى ئاۋىياتسىيە ئىزدىنىش سەپىرى تەربىيەلەش بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلارغا ئاۋىياتسىيە بىلىملىرىنى ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-يەسلى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېڭ لىن بالىلارنىڭ قويۇق ئاۋىياتسىيە مەدەنىيەت كەيپىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىنى، كىچىكىدىنلا ئۇلارنىڭ ئاۋىياتسىيەنى قىزغىن سۆيۈشى، ئاۋىياتسىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.