تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

گۇيجوۋ بىجيې ساياھەت ئېتىبار بېرىش «كاتتا سوۋغات»نى ئوتتۇرىغا چىقاردى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، بىجيې شەھىرىنىڭ 2019-يىللىق «دۇڭتيەن فۇدى . گۈل دېڭىزى بىجيې» ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بىجيې شەھىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، تارىخىي مەدەنىيىتى ئۇزاق، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل ، قويۇق، رەڭدار مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان يېزا-كەنت مەنزىرىسى بار  بولۇپ، «ئاجايىپ گۈزەل ، ھەيۋەتلىك» بولۇش بىجيې مەنزىرىسىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ھېسابلىنىدىكەن. شەھەر ئىچىدە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى يۈز چاقىرىملىق كاككۇكگۈل، دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى جىجىن ئۆڭكۈرى، ۋېينىڭ ساۋخەي، مۇئېگې مەنزىرە رايونى، گۇڭلۇڭپىڭ مەنزىرە رايونلىرى بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن قاتناش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، فېيشيۇڭ ئايرودۇرۇمىدا بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ، شېنجېن قاتارلىق 20 نەچچە شەھەرلەرگە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان؛ بىجيې يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قاتناش مۇساپىسى 979 كىلومېتىرغا يېتىپ، ھەممە ناھىيەگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ چېڭدۇ-گۈيياڭ يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى قاتارلىقلار پۈتۈن رايونغا سىڭىپ كىرگەن.

  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى بىجيې شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، بىجيې شەھىرى سەنئەتكارلارنى بىجيېگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەنزىرە رايون بىرلەشمە بېلىتى، ساياھەت كوپىراتىپى مۇكاپاتى، يازلىق تەتىللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان بىر قاتار ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، يۈز چاقىرىملىق كاككۇكگۈل، جىجىن ئۆڭكۈرى، مۇئېگې قەدىمىي شەھىرى، يوۋشەنخې دەرياسىدىن ئىبارەت تۆت مەنزىرە رايوندا بىرلەشمە بېلەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدە تۆت چوڭ مەنزىرە رايوننىڭ ئىشىك بېلىتىنىڭ بىرلەشمە بېلەت باھاسى 150 يۈەن، ساياھەت سۇس پەسىلىدە تۆت چوڭ مەنزىرە رايوننىڭ ئىشىك بېلىتىنىڭ بىرلەشمە بېلەت باھاسى 110 يۈەن (يۇقىرىقى بىرلەشمە بېلەت ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، مەنزىرە رايونى سەيلە ئاپتوموبىلى، ئاسما ۋاگون قاتارلىقلارنىڭ مۇلازىمەت ھەقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولىدىكەن. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىگە ئاساسەن يۈز چاقىرىملىق كاككۇكگۈلى مەنزىرە رايونىنى ھەقسىز ساياھەت قىلسا بولىدىكەن (مەنزىرە رايونى سەيلە ئاپتوموبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى