مۇھەررىر :
مېھرىبان يالقۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/05/12 12:49
خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى دۇڭجياكوۋ سەددىچىن سېپىلى مەنزىرىسى (2014-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ياڭ شىياۋ فوتوسى)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاسىيا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىتئە، نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر بۇ زېمىندا بارلىققا كەلگەن، يۇغۇرۇلغان، توپلانغان. ئاسىيا خىلمۇخىل تەبىئىي مەنزىرىگە ئىگە، ئۇزاق تارىخ ئاسىيانىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈرەش قىلىشى ئارقىسىدا، زامانىۋىلاشقان ئاسىيا كۆزنى قاماشتۇردى.
گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرى مىڭشاشەن يۆياچۈەن مەنزىرە رايونىدىكى قار مەنزىرىسى (2018-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (جاڭ شياۋلياڭ فوتوسى)
شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىدىكى شياۋيۈشەننىڭ مەنزىرىسى (2018-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (گو شۈلېي فوتوسى)
شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونى مەنزىرىسى (2006-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ليۇ شىنخەي فوتوسى)
سەنشيا توسمىسىدىن سۇ قويۇپ بېرىلمەكتە ( 2018-يىلى 7 -ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (ۋېن جېنشياۋ فوتوسى)
2019-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان لاسا بۇدالا سارىيى. (جۆ گو فوتوسى)
گۇيجۇۋ ئۆلكىسىگە جايلاشقان «جۇڭگو تيەنيەن» − 500 مېتىر كالىبىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپى (FAST) (2018-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن تارتىلغان سۈرەت). (ئوۋ دۇڭچۈ فوتوسى)
ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئېجىنا خوشۇنىدىكى توغراقلىقنىڭ كۈزدىكى مەنزىرىسى (2017-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). (دېڭ خۇا فوتوسى)
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى. (لياڭ شۈ فوتوسى)
سىچۇەن ئۆلكىسى جيۇجەيگۇ مەنزىرە رايونى نورىلاڭ شارقىراتما مەنزىرە نۇقتىسى شۇنداقلا نورىلاڭ كۆللەر توپى مەنزىرە نۇقتىسى (2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). (ليۇ كۈن فوتوسى)