تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، جىڭ جۈنخەي، شۆھرەت زاكىر، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جىڭ جۈنخەي جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى.

  5- ئاينىڭ 9- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جىلىن . شىنجاڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىلىندا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ۋە شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ بەش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، شەرق، غەرب «ئۈچ چوڭ بۆلەك» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر ئاساس، ئالتە قوش» كەسىپلەر بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا يېڭى، مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى يېڭى، سالمىقى زور، ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جىلىننىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

  جىڭ جۈنخەي جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق شارائىتتا چېگرا رايوننى قوغداپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، قوشقان تۆھپىسىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان ھالەت كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئىزدەنگەن ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللار كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇلار جىلىننىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشى، ھەر تەرەپلىمە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، پىكىر يولىنى ئاچتى.

  جىڭ جۈنخەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جىلىنغا تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. بىز چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى يەردە قويماي، زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللاپ، مۇقىملىقنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى پۇختا، ياخشى قىلىپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قوللاشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن جىلىننىڭ كۈچىنى قوشىمىز. جىلىن بىلەن شىنجاڭ رايون ھەمكارلىقىنى يۆنىلىش، ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇشىنى كۆۋرۈك، ماس تەرەققىياتنى نىشان قىلىپ، بايلىقلارنى قېزىپ، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تۇتۇپ، بازارنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو قار - مۇز كەسپىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جىلىن - شىنجاڭ ساياھەت چوڭ ئايلانما لىنىيەسىنى بەرپا قىلسا؛ شەرق بىلەن غەربنى باغلاپ، موڭغۇلىيە بىلەن رۇسىيەگە يۈزلىنىپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيادىن ھالقىپ، ئۆزئارا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئوچۇق ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرسە؛ تېخنىكىنى تۇتۇپ، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇپ، سۇپا قۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى ئورتاق زورايتسا بولىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنىدا شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرى، جېمىنەي ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، دېھقان - چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئالتاي ۋىلايىتى (جىجى)سوغۇق رايونى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىغا ۋىۋىسكا بەردى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جى جېڭ، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ما شيۇچېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.