تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلايلى

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  بۇرچ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىرىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ.

  مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتى چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئورنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. نۆۋەتتە، بىز دۇچ كېلىۋاتقان تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتتا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىلگىرىلەش يولىمىز ئاز بولمىغان يېڭى خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا دۇچ كەلدى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل، ئېغىر بولدى. بۇ يىل 1- ئايدا ئېچىلغان مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىي - قانۇن سېپى دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇھىم، زور بۇرچى، ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. بۇ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئورنىنى بېكىتىشى، ھەم يېڭى دەۋردە جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ مىزانى. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇش كېرەككى، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىي ۋەزىپە، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يادرولۇق قىممەت ئىنتىلىشى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈپ نىشان. مەسئۇلىيەت، ئورۇننى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتكەندىلا، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

  پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشتا، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىسلاھات - تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك، بۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچلىقى، تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم مۇۋاپىق، قانۇنلۇق تەلەپلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەم ئاممىنى تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىپادىلەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، خەلقنى قوغداش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

  پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىشتا، «مۇقىملىق»نى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇش، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 2020- يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تاماملىنىدىغان يىل، 2021- يىلى پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ھەربىر يىلنىڭ ھەممىسى مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كوردىناتى. بۇ يىل خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، ئېغىر. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «مۇقىملىق»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مەۋقە قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پولاتتەك غايە - ئېتىقاد، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىق، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەت، پولاتتەك ئىنتىزام، ئىستىل بولغاندىلا، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگىلى بولىدۇ.

  بۇرچ قانچە شەرەپلىك، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى، شۇنچە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپى ۋە كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ياخشى روھىي ھالىتى، پۇختا خىزمەت ئىستىلى بىلەن تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسىلا، چوقۇم پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتالايدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى