تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئەتىيازدىن باشلىنىدۇ

  تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قۇياش نۇرى تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  ئاپتاپتىن ساقلىنىش ئەمەلىيەتتە ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىش بولۇپ، ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇن سپېكتىرى ئىچىدىكى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى (nm)200-400 بولغان بۆلەكنى ئۇلترا بىنەپشە نۇر دەپ ئاتايمىز، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە بىئولوگىيەلىك رولىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇر يەنە ئۈچ دولقۇن بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ: ئۇزۇن دولقۇن، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى (nm)320-400 ، ئۇ بىۋاسىتە كىيىم-كېچەك قاتارلىق توسۇقلاردىن ئۆتۈپ، تېرىمىزنى غىدىقلايدۇ؛ ئوتتۇرا دولقۇن، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى(nm)290-320، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئاران %3ىنى ئىگىلەيدۇ، ئادەمنىڭ ئوچۇق قالغان تېرىسىنى قىزارتىپ ئىششىتىۋېتىدۇ، قارىدىتىۋېتىدۇ ۋە داغ چۈشۈرىدۇ؛ قىسقا دولقۇن، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى (nm)200-290، ئاتموسفېرادىكى ئوزۇن قاتلىمىنىڭ چېچىۋېتىش ياكى قايتۇرۇۋېتىشى تۈپەيلىدىن، يەر شارى يۈزىگە يېتىپ كېلىشى ئىنتايىن ئاز، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇڭا، قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ ئۇزۇن دولقۇنى بىلەن ئوتتۇرا دولقۇنى تېرىمىزنىڭ بالدۇرلا نۇردا قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل. تېرە قېرىش يېنىك بولغاندا تېرە يىرىكلەيدۇ، بوشايدۇ، ساڭگىلايدۇ، قورۇق ۋە تەرتىپسىز داغ چۈشىدۇ، قان تومۇر كېڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېرە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ياز پەسلىدە بىر كۈن ئىچىدىكى سائەت 10دىن 14كىچە بولغان ۋاقىت بۆلىكىدە، ئاتموسفېرانىڭ ئاجىزلىتىش رولى ئەڭ ئاجىز بولۇپ، يەر شارى يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. ئادەتتە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچى (سائەت 12نىڭ ئالدى-كەينىدە يەر يۈزىگە يېتىپ كېلىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسىنىڭ تېرىگە زەخمە يەتكۈزۈش ئېھتىماللىق كۆرسەتكۈچى)گە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ كۆرسەتكۈچ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، بىز ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە ئاساسەن، مۇۋاپىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى تاللىساق بولىدۇ.

  بازاردىكى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرى كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاساسلىقى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: خىمىيەلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ۋە فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى. خىمىيەلىك ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمىنىڭ تەركىبىدە سۈنئىي بىرىكمە بار بولۇپ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈش ۋە سۈزۈش ئاساس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ياكى زىيانسىز كۆرگىلى بولىدىغان نۇر ئېففېكتى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ تېرىگە بولغان زەخمىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ فىزىكىلىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى تەركىبىدە تىتان دىئوكسىد ياكى سىنك ئوكسىد بولغانلىقتىن، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى قايتۇرۇش ئارقىلىق تېرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى بەلگىلىك غىدىقلاشچانلىققا ئىگە، شۇڭا بىز تاللىغاندا، ئاپتاپتىن ساقلىنىش كوئېففىتسېنتى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارىماستىن، بەلكى تېرە سۈپىتىگە ئاساسەن مۇۋاپىق ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتىنى تاللىشىمىز كېرەك. بىز يەنە بىۋاسىتە فىزىكىلىق توسۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاپتاپتىن ساقلانساقمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇزۇن يەڭلىك كۆڭلەك، كۈنلۈك قاتارلىقلار.

  تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر يۈز قىسمىغا ۋە ئوچۇق قالغان تېرىنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىشىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا بەزى «ئۆلۈك بۇلۇڭ»لارغا سەل قارايدۇ، بۇ «ئۆلۈك بۇلۇڭ»لارنى ئاپتاپتىن ساقلاشمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.

  ئۆلۈك بۇلۇڭ 1: چاچ

  چاچنىمۇ ئاپتاپتىن ساقلاش كېرەكمۇ؟ توغرا! چاچ كۈچلۈك ئاپتاپتا قاقلانغاندىن كېيىن، چاچتىكى قاسراقسىمان تەڭگىچىلەر زىيانغا ئۇچراپ، تۈكلۈك پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئوچۇق قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، چاچ مۈڭگۈز ئاقسىلى تەركىبىدىكى سۇ يوقاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچ قوپاللىشىپ، يىرىكلىشىدۇ، قۇرۇپ ئاچىماق بولۇپ، رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ، سۇمبۇل چاچنىڭ سارغىيىپ، ئاجىز، ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئۆلۈك بۇلۇڭ 2: پۇتنىڭ دۈمبىسى

  پۇت ئاياغنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، قۇياش نۇرى بىلەن ناھايىتى ئاز ئۇچرىشىدۇ. ياز پەسلىدە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ساپما كەش كىيىدۇ، لېكىن پۇتنىڭ ئاپتاپتىن ساقلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار ئاز. ئەگەر ئاپتاپتىن ئۈنۈملۈك ساقلانمىسا، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، ئاسانلا سەت قارا ئىز قېلىپ قالىدۇ.

  ئۆلۈك بۇلۇڭ 3: كۆز

  كۆزنى ئاپتاپتىن ساقلاش ئاسانلا سەل قارىلىدۇ، تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئۇلترا بىنەپشە نۇر نۇرغۇن جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك كۆز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ياز پەسلىدە سىرتقا چىققاندا قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش كۆزەينىكىنى تاقاپ، كۆزنىڭ ئۇلترا بىنەپشە نۇر تەرىپىدىن زەخمىلىنىشىدىن قوغداش كېرەك. ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرىدىمۇ ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۆزگە بەلگىلىك زىيىنى بولىدۇ.

  ھەربىر ئادەمنىڭ تېرىسى ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرۇۋاتقان مۇھىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئاپتاپتىن ساقلىنىش ۋاسىتىسىنى تاللاپ، قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەدەنگە بولغان زەخمىنى ئازايتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى