تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بەردى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ، خۇڭ لىبو): «مۇئەللىم، مەن قورۇغان داپەنجىنى تېتىپ بېقىڭ، تەمى قانداقكەن؟ قانچە نومۇر قويغىلى بولىدۇ؟» دەپ ئوقۇتقۇچىسىدىن سورىدى  كەنت ئاھالىسى گۈزەلئاي يۈسۈپ 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىنىڭ چاچى كەنتىنىڭ  ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا. 

  «تەربىيەلەش كۇرسىدا بىر ئاي ئۆگىنىپ، داپەنجى قورۇش قاتارلىق 20 خىل قورۇما قورۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرىمەن، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا بىر كىچىك ئاشخانا ئاچماقچى بولىۋاتىمەن.» دېدى، گۈزەلئاي. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، بېيىش باشلامچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «بىر ئائىلىدە بىردىن زېرەك ئادەم بولۇش»، «ھەر بىر ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىردىن  ئەمگەك كۈچىنى تەربىيەلەپ، ئاز دېگەندە بىردىن ئىككىگىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى ئىگەللىتىش» نىشان ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى نامرات ئاھالىلەرنى بالىلار يەسلىسى تەربىيىچىسى، غەربچە پىشۇرۇق پىشۇرۇش، جۇڭگوچە قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. نامرات ئاممىنى كەسپىي ماھارەت بويىچە 4652 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش ئىقتىدارىنى كۈچلۈك ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى