5-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر تولى يېزىسى تەۋەسىدىكى S103 لىنىيەسىدىكى يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېرىنگۈل گۈللۈكىدە گۈل تاماشاسى قىلماقتا.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو جۈنگې): ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، سېرىنگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، سۆسۈن، ھال رەڭ، ئاق رەڭلىك گۈللەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى.
5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىل ھەيدەپ ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن ئەيۋېرگۇ جىلغىسىغا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ، S103 لىنىيەسىنى بويلاپ ئۈرۈمچى ناھىيەسى تولى يېزىسىغا كىردى، تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كېيىن، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى سېرىنگۈل كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
2011-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق سېرىنگۈل تېرىدى، ھازىر يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گۈل تېرىلغان كۆلەم 6300 مو بولدى. تولى يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى جاڭ جيەنيۈننىڭ دېيىشىچە، ھازىر بۇ يەر گۈل بىلەن زىننەتلەنگەن «سېرىنگۈل يولى» بولۇپ قالغان.
تاماشا قىلىش لىنىيەسى: شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ يولغا چىقىپ، ساي يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن تۇرپان – ئۈرۈمچى – داخۇاڭشەن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ئۇلانباي ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئەيۋېرگۇ چىقىش ئېغىزىدىن S103 لىنىيەسىگە قاراپ مېڭىپ، تەخمىنەن 15 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ ياكى شەھەر رايونىدىن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۈيشىگۇ بازىرىدىن تولى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە يېتىپ كەلسىمۇ بولىدۇ.