تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساقچىلار ئالتە سائەت كۈچ ‏ئۇلاپ غۇلجا شەھىرىدىكى يارىدارنى ئۈرۈمچىگە جىددىي ئېلىپ كەلدى ‏

سۈرەتنى قاتناش ساقچىلىرى تەمىنلىگەن

  مۇخبىرىمىز جاڭ مېڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خۇا فېڭ، ئوۋ جيەنلياڭ خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 14:23تە يارىلانغاندىن تارتىپ سائەت 20:12دە ئوپېراتسىيەخانىغا كىرىش 23 ياشلىق يىگىت جاۋ فۇچېڭنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز 6 سائەت بولدى: ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقاندا، چىغرىق ماشىنىسى سول قولىنىڭ تۆت بارمىقىنى كېسىۋېتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە بېرىپ جىددىي ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا توغرا كەلدى. شىنجاڭ قاتناش ساقچىلىرى كۈچ ئۇلاپ مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، داۋالاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئۇتۇپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا بىخەتەر مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويدى.

     سائەت 14:30دا: ئىلى ئوبلاستى چىڭسىخوزا بازىرى

  5-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 14:30 ئەتراپىدا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ياردەم سوراش تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدى: «قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا چىغرىق ماشىنىسى بىر ئەرنىڭ تۆت بارمىقىنى كېسىۋەتتى، ھازىر غۇلجا شەھەرلىك دوختۇرخانىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ بارماق ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرماقچى. بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىدا تۆت مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇچى بىلەن يارىدار بار، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرگەندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!»

   مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ساقچىسى يۆ گوبىن دەرھال مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇچىلار بىلەن ئالاقىلەشتى: «شۇ چاغدا يىگىتتىن كۆپ قان چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بىز دەرھال كۈيتۈندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پۈتۈن لىنىيەدە قاتناشنى ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردۇق.»

  بۇ ۋاقىتتا، دالا ئاپتوموبىلى ئەمدىلا ئىلى ئوبلاستىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، شياۋ جاۋنىڭ قولىدىكى يارا پەقەت ئاددىي قان توختىتىش ئارقىلىقلا بىر تەرەپ قىلىنغان، تۆت بارمىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. ئاپتوموبىلدا، ئۇنىڭ باشلىقى ۋە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ئىزچىل تەسەللىي بېرىۋاتاتتى. يەنە 500 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول بار بولۇپ،  كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شياۋجاۋنىڭ يارىسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتاتتى.

    سائەت 17:00دە: كۈيتۈن ھەق ئېلىش پونكىتى

  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشى داۋامىدا، قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلى ئاخىرى كۈيتۈن ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتتى. «ئەمدى سىلەر ئۆتىدىغان يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىل كۆپ ئەمەس، بىز چارلاش ئاپتوموبىلىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق، قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانى ئارقىلىقمۇ ئاپتوموبىلىڭلارغا دىققەت قىلىپ تۇرىمىز.» دېدى يۆ گوبىن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئاپتوموبىللارغا دىققەت قىلغاچ، تېلېفوندا ئاپتوموبىل ئىچىدىكى يارىدارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ ماڭغان خادىملارغا يول ئەھۋالىنى ئېيتىپ بەردى.

       سائەت 18:49دا: ماناس ھەق ئېلىش پونكىتى

  سائەت 18:49دا، دالا ئاپتوموبىلى ماناس ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتتى. قۇتۇبى ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولدى، قۇرۇلۇش سەۋەبىدىن قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە جىددىي ئەھۋالدا يۈرۈش يولى يوق ئىدى. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تارماق ئەترىتى سانجى چوڭ ئەترىتىنىڭ چارلاش ئاپتوموبىلى دالا ئاپتوموبىلىغا يول باشلاپ داۋاملىق ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

      سائەت 19:50تە: غەربىي ۋوگزال ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىنىڭ كىرىش ئېغىزى

  سائەت 19:50تە، يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلى دالا ئاپتوموبىلىنى باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان رايوندىن ئۆتۈپ، قاتناش توسۇلغان يول بۆلىكىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاز دېگەندە 20 مىنۇت ۋاقىتنى تېجىدى.

      سائەت 19:57دە: ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىسى لى گوچى، جى مېڭ ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى ساقچىلىرى بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلاشتى ھەم ئالدىنئالا ئايروپورت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كونا ھەق ئېلىش پونكىتىغا بېرىپ ساقلىدى. سائەت 19:57دە، بىمار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل كېلىپ، ساقچى ئاپتوموبىلى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىپ قويۇشى نەتىجىسىدە، يەتتە مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىتتا، بىمار نەنچاڭ يولىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلدى.

  5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 8:00دە: ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى

  5-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 8:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيەخانىسىدىن خەۋەر كەلدى: ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى! شياۋ جاۋنىڭ تۆت بارمىقىنىڭ ھەممىسى ئۇلاندى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، يۆ گوبىن دوختۇرخانىغا مەخسۇس شياۋ جاۋنى يوقلاپ باردى. ئۇنىڭ دەل ئۆزىگە ياردەم قىلغان نۇرغۇن قاتناش ساقچىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، شياۋ جاۋ ناھايىتى مىننەتدار بولغان ھالدا: «سىلەردىن تەسىرلەندىم، سىلەرگە راستىنلا رەھمەت ئېيتىمەن!» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى