تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

فۇكاڭ شەھىرى: «بىۋاسىتە قاتناش» ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى

    شىنجاڭ گېزىتى، فۇكاڭ، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ شى):  4-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2019-يىللىق فۇكاڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، فۇكاڭ شەھىرى ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ كۆپ قاتلاملىق بىرىكمە شەكىلدىكى پۈتۈن رايون ساياھىتىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ساياھەت بىۋاسىتە قاتناش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان، ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بىۋاستە بارالايدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلىشىچە، فۇكاڭ شەھىرى فۇكاڭ ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىدىن تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ-كېلىشتە بىۋاستە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل، ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ-كېلىشتە بىۋاستە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن فۇكاڭ ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىگە بېرىپ-كېلىشتە بىۋاستە قاتنايدىغان ئاپتوموبىل، فۇكاڭ ساياھەتچىلەر يىغىلىش-تارقىلىش مەركىزىدىن فۇكاڭ شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت تۆت لىنىيەنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن. ساياھەتچىلەر توردىن بېلەت سېتىۋېلىش، چىراي تونۇتۇش ئارقىلىق ئاپتوموبىلغا چىقىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ھېس قىلالايدىكەن.

    بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل فۇكاڭ شەھىرى ئىسسىق ھاۋا شارى سەيلىسى، ئارىشاڭدا كۈتۈنۈش قاتارلىق  ئىستىراھەت، تەنھەرىكەت، چېنىقىش بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت يېڭى تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، ھەمدە 20دىن ئارتۇق خاسلىققا ئىگە باش تېما لىنىيەسىنى لايىھىلەپ كېڭەيتكەن.

    فۇكاڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، فۇكاڭ شەھىرى جەمئىي 525 مىڭ ساياھەتچى قېتىم كۈتۈۋالغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشقان؛ ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالىنى 800 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئەزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش