تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەشتىچى قىزلار بېيىش يولىغا مودېلچە مېڭىپ يەتتى

  يېقىندا، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئاغارىسىن بازىرى سەنشياڭشيۇ كەشتىچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئون نەچچە كەشتىچى ئايال توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ «توققۇزتارادا ئۇچرىشىش · باھارنى باغاشلاش» مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلى ھەم «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش لوڭقىسى» —— «ھەرىكەت قىلىمەن. شادلىنىمەن» ساياھەت پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ سەھنىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرى كەشتىلەپ چىققان مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىملەرنى كىيىپ، يىلغىداي مەنزىرە رايونىدا مودېل ماڭدى.

     ماھارەت كۆرسىتىشتىن بۇرۇن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى سايراگۈل ئىلياس مەيدان يېنىدا تۇرۇپ كەشتىچى ئاياللارنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. «ھازىر بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز تونۇلدى، كەشتىچى ئاياللار ياخشى سۈپەتلىك ماركا ئوبرازى يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشى كېرەك» دېدى سايراگۈل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى.

    2007-يىلى، بازاردىكى كەشتىچىلىك ھۈنىرى بار ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاغارىسىن بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسى كەشتىچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللىدى، سايراگۈل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقلىقىغا سايلاندى. توققۇزتارا ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كومپىيوتېرلۇق گۈل كەشتىلەش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى تولۇقلاپ ئېلىپ بەردى.

  دەسلەپتە، سايراگۈلنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق ئويى يوق ئىدى. 2009-يىلى، ئۇ مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ نىلقا ناھىيەسىدە بىر كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسگە قاتناشتى، شۇ قېتىملىق يەرمەنكىدە ئۇنىڭ كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كەتتى.

     «ئۇ جايغا بارغاندىن كېيىن، ئالتاي، چۆچەك قاتارلىق جايلارنىڭ كەشتە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى كۆرسىتىشتىنمۇ خىجىل بولدۇم» دېدى سايراگۈل.

    شۇ قېتىم، مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىنىشى ناچار بولغانلىقتىن، سايراگۈل بىرمۇ زاكاز ئالالمىدى. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ قاتتىق ئازابلاندى ھەم سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىپ كېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ كەشتىچىلىك ماھارىتى ۋە ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئۆگەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەشكىللىگەن كۆپ قېتىملىق سىرتقا چىقىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىش ۋە تەربىيەلەش پۇرسىتىمۇ ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

   سايراگۈل نۇرغۇن كەشتىچىلىك تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى كەشتىچى قىزلارغا ئۆگەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايىماي ئۆگەتتى، سەنشياڭشيۇ كەشتىچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ئۆستى، ئاستا - ئاستا بازارمۇ تاپتى.

    ھەمكارلىق كوپىراتىپى سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشنى2017-يىلى ئىشقا ئاشۇردى. شۇ يىلى، سايراگۈل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە يۈننەنگە بېرىپ 15 كۈنلۈك كەشتىچىلىك ماھارىتى بويىچە تەربىيىلەشكە قاتناشتى. بۇ 15 كۈن ئۇنىڭغا لايىھىلەشنىڭ مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

    «ئىلگىرى مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ رەڭ جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇلۇشى قوپال ئىدى، يىپ ئىشلىتىشكىمۇ ئېتىبار بېرىپ كەتمەيتتۇق، مەھسۇلاتتا لايىھە تۇيغۇسى كەمچىل ئىدى، بىراق ھازىر شەھەرلىك ۋە يېزىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ». سايراگۈل مۇنداق دېدى: ھازىر، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئالتە ئاي بۇرۇنلا زاكاز توشۇپ كېتىدىغان بولدى.

    ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سايراگۈل بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت-ساياھەت پەسلىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سەنشياڭشيۇ كەشتىچىلىك كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى