تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

خۇنەندە دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن خاتىرىلەنگەن تۈر يوپۇرماقسىز دۇجۈەنلەن بايقالدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جوۋ ميەن). مۇخبىرنىڭ خۇنەن ئۆلكىلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «يەرلىك تۈرلەر بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى قوغداش پىلانى» يېقىندا خۇنەن ئۆلكىسى شياڭشى تۇجيازۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لۇڭشەن ناھىيەسى دائەن يېزىسىدا دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن خاتىرىلەنگەن تۈر — يوپۇرماقسىز دۇجۈەنلەننى بايقىغان.

  يوپۇرماقسىز دۇجۈەنلەن دۇجۈەنلەن ئۇرۇقدىشىدىكى بىردىنبىر چىرىندى تۈر، تاشقى كۆرۈنۈشى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە، يوپۇرمىقى پۈتۈنلەي چېكىنگەن بولۇپ، تىپىك چىرىندى ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈك 1999-يىلى ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم بايقالغان.

  «يەرلىك تۈرلەر بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى قوغداش پىلانى»نى 90 نەچچە ئۆسۈملۈك باغچىسىدىن تەشكىل تاپقان جۇڭگو ئۆسۈملۈك باغچىسى بىرلەشمىسى يولغا قويغان، بۇ پىلان 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «تەگ»ىنى ئېنىقلاپ، يەرلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تولۇق قاپلىنىشنى توپلاش ۋە بىخەتەر ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. خۇنەندە بۇ پىلاننى يولغا قويغىنى خۇنەن ئۆلكىلىك ئورمان ئۆسۈملۈك باغچىسىنىڭ ئالاقىدار تۈر گۇرۇپپىسى.

  خۇنەننىڭ يەرلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش تۈرى 2017-يىلى 7-ئايدا باشلانغان، تەكشۈرۈش دائىرىسى خۇپىڭشەن تېغى، خېڭشەن تېغى، تيەنمېنشەن تېغى، ماڭشەن تېغى، شۆفېڭشەن تېغى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى