تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قومۇل شەھىرى: پۈتۈن كۈنلۈك ئاپتوماتىك باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

  قومۇل، 5-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر چېن لىۋېن، ليۇ ياخۇي): 4-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

  ئېگىلىنىشىچە، 24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىدا تالون ئىلتىماس قىلىش، ۋاكالىتەن تالون كېسىش، كۆچمەس مۈلۈك ئىجارە تالونىنى ۋاكالىتەن كېسىش قاتارلىق يەتتە خىل 347 تۈرلۈك توردىكى باج بېجىرىش ئىشلىرىنى بېجىرگىلى بولىدىكەن.

  24 سائەتلىك ئاپتوماتىك باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن «تورنى كۆپ ئىشلىتىپ، يولنى ئاز مېڭىش» تىن ئىبارەت باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بەرپا قىلىپلا قالماي، باج تاپشۇرغۇچىلارغا «توردا ۋە تور سىرتىدا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئالدى-ئارقا سۇپا تۇتاشتۇرۇلغان، قولايلىق، تېز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك» باج بېجىرىش يېڭى مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ھېس قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئەزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش