تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)

   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش - نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ پولاتتەك غايە - ئېتىقادقا ئىگە، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىققا ئىگە، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتكە ئىگە، پولاتتەك ئىنتىزام - ئىستىلغا ئىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك.

   تىنچلىق مەزگىلىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى ئەڭ كۆپ قۇربان بەرگەن، ئەڭ زورتۆھپە قوشقان بىر قوشۇن. بۇ ئالاھىدە قوشۇنغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، ساقچىلارغا ئېتىبار بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار زوۋ ۋېي، ياڭ ۋېيخەن) مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنى 5- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 8- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي شارائىتتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى، تەرەققىيات، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت داۋامىدا، بىز جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قانۇنىيەتلىكلىكىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدۇق، جەزمەن ياخشى خۇلاسىلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ قەتئىي توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل بولۇش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش باش تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق، كۈچلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، بارلىق ساقچىلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. بارلىق ساقچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى بويىچە، ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرىنى ياخشى تاللاش، كۈچلۈك سەپلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشىغا، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم مۇۋاپىق، قانۇنلۇق تەلەپلەرنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەم ئاممىنى تەلىپىنى قانۇن بويىچە ئىپادىلەپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداشقا يېتەكلەش كېرەك. ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جىنايەتكە زەربە بېرىش، خەلقنى قوغداش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەت، قورال - ياراغقا چېتىشلىق، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارغا چېتىشلىق جىنايەت، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە شەخسلەرنىڭ ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق جىنايىتىگە قارىتا، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەركەشلىك، يېمەكلىك، تېببېي دورا، مۇھىت قاتارلىقلارغا ئائىت قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك جىنايەتلەرگە قارىتا يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما مۇداپىئە كۆرۈپ، ئامما تۈزەپ، «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنى تولۇق قوزغاپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. ئاچقۇچلۇق ھالقىنى تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، چەكلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر دېلونى بېجىرىش، ھەربىر ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، جىنايەتكە زەربە بېرىشنى كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن، ئۈنۈمنى قوغلىشىشنى ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن، قانۇن ئىجرا قىلىش مەقسىتىنى قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى قانۇن ئۈنۈمى، سىياسىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر، ھەرقانداق ئادەمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىشلارنى قانۇن بويىچە بېجىرىدىغان، ئىشقا يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەيدىغان، مەسىلىنى ھەل قىلغاندا قانۇندىن پايدىلىنىدىغان، زىددىيەتنى پەسەيتىشتە قانۇنغا تايىنىدىغان ياخشى قانۇنچىللىق مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قاتلامنى ئازايتىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ساقچى تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي، ئىش ھوقۇقى ئېنىق، قوماندانلىقى راۋان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئاپپارات - فۇنكسىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى زور كۆلەمدە تۇتۇش، ئاساسنى زور كۆلەمدە تۇتۇش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەشكە، ساقچى كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە، كاپالەتنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپپارات ئىسلاھاتىغا يانداش ئالاقىدار سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەنى سەپلەشنى، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى، كۈچ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپپارات خادىملىرىنى فۇنكسىيەلىك بىرلەشتۈرۈشنى، كەسپىي خىزمەتلەرنى يۇغۇرۇشنى، مېخانىزم تەرتىپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇماتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ موتور، جەڭگىۋارلىقنىڭ ھاسىل بولۇشىنى يېتىلدۈرىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن، ئىش بېجىرىشى ئاستا بولۇش، كۆپ قاتراش، قولايسىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ پولاتتەك غايە - ئېتىقادقا ئىگە، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىق، دادىللىققا ئىگە، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتكە ئىگە، پولاتتەك ئىنتىزام - ئىستىلغا ئىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى ساقچىلارنى تەربىيەلەش، روھنى يېتىلدۈرۈش، ئاساسنى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇشى قىلىپ دائىم بوشاشتۇرماي تۇتۇپ، ئادەتتە قاتتىق تۇتۇش، دائىم باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ساقچىلاردا ھەقىقىي تۈردە ھېيىقىشنى بىلىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا، باشتىن - ئاخىر «قىلچە تەخىر قىلماسلىق»نى ساقلاپ، مەيلى «يولۋاس» ياكى «چىۋىن» بولسۇن، مەيلى قارا، رەزىل كۈچلەر قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتچىلەرنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ياكى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «ئۇششاق چىرىكلىك» بولسۇن، ھەممىسىنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تىنچلىق مەزگىلىدە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنى ئەڭ كۆپ قۇربان بەرگەن، ئەڭ زور تۆھپە قوشقان بىر قوشۇن. بۇ ئالاھىدە قوشۇنغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىش كېرەك، سىياسىي جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، ساقچىلارغا ئېتىبار بېرىش، غەمخورلۇق قىلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ساقچىلىرىنىڭ شەرەپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي شەرەپ تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىدە يولۇققان ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، مۇنتىزىملىشىش، كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كۈچلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى پولات قوشۇنى قۇرۇپ، ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، خەلقنىڭ تىنچ - ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، قىسمەن دۆلەت كومىسسارلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىك پارتكوملىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى(ئىدارىسى)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار دۆلەت چوڭ كارخانىلىرى، ئارمىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.