تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 8- كۈنى، كېلىشكىنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سالمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ بىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەن پادىشاھ ئالىيلىرى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تېز تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. بۇ يىل 2- ئايدا تەخت ۋارىسى مۇھەممەد جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى ھەم جۇڭگو - سەئۇدى ئەرەبىستان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، قەتئىي ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىشى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە «2030 مەنزىلى» ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى، جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2020- يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ ھەم پائال قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سالمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ خەلقئارا تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا كۈچ چىقىرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەپ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشنى ھەم شەرقىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان داۋاملىق ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.