تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

دۈەنۋۇ بايرىمىلىق پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى! قىسمەن ئايروپىلان بېلەتلىرى پويىز بېلىتىدىنمۇ ئەرزان

 بۇ يىلقى دۈەنۋۇ بايرىمىلىق قىسقا دەم ئېلىشنىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە ئۈچ كۈن بولۇپ، مەملىكەت تۆمۈريول تورى ۋە تېلېفوندا زاكاز قىلىپ ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىش ۋاقتى 30 كۈن، 5-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ، يولۇچىلار تور ۋە تېلېفوندا 2019-يىللىق دۈەنۋۇ بايرىمىلىق پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالايدۇ.

  ئەسكەرتىش: بېلەتنى بالدۇر سېتىۋېلىش كېرەك

  بۇ يىلقى دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ۋاقتى كەلگەندە تۆمۈريول يولۇچى توشۇشتا ئوقۇغۇچىلار، تۇغقان يوقلايدىغانلار، ساياھەتچىلەر ئېقىمى زىيادە كۆپ بولۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، تۆمۈريول تارماقلىرى ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا تەسكە توختايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلدى.

 بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەرزان

    يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان دۈەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالمىسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق. مۇخبىرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ بېلەت سېتىش سۇپىسىدىن بايقىشىچە، دۈەنۋۇ بايرىمى كۈنى، بېيجىڭ - گۇاڭجوۋ HU7809، HU7803 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ بېلەت باھاسى 615 يۈەن، ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورۇن بېلەت باھاسى 862 يۈەن ئىكەن. بېيجىڭ-شېنجېن HU7713 ،HU7707 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ بېلەت باھاسى 545 يۈەن، بۇ ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ 2- دەرىجىلىك ئورۇن بېلەت باھاسى 944.5 يۈەن ئىكەن، شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېلىتىنى سېتىۋالالمىغان تەقدىردىمۇ، سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى