تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قەشقەر يولىنى جەنۇبقا ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، كېلەر يىلى يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار

  مۇخبىرىمىز شۈ چيەن خەۋىرى، جاڭ ۋەندې فوتوسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قەشقەر يولىنى جەنۇبقا ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى 4-ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قاتناش باشلىنىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن. شۇ چاغدا، شىنيى يولىنىڭ غەربكە ئۇزارتىلغان بۆلىكى بىلەن ۋېيتەي جەنۇبىي يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىز ئەتراپىدىن قاراماي غەربىي يولىنىڭ غەربكە ئۇزارتىلغان بۆلىكى ئەتراپىغىچە جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدىكى تېز سۈرئەتلىك يول ئېچىلىپ، شىسەن تەۋەلىك رايونى بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى ئارىسىدىكى ئارىلىق يېقىنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  5-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرلار ۋېيتەي جەنۇبىي يولى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ مەيدانغا كىرىپ بولغانلىقىنى كۆردى. چىماسەن تېغى ئەتراپىدىكى قۇرۇلۇش مەيدانىدا، نۇرغۇن قۇرۇلۇش ماشىنىسى چىماسەن تونېلى ئالدىدا تاش - توپىلارنى كولاۋاتاتتى، يول يۈزىدىكى شېغىل يېيىتىلغان كەڭلىكتىن قارىغاندا، قوش يۆنىلىشتىكى ئالتە ئاپتوموبىل يولى كەڭلىكىدىكى يول ئۇلى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەنىدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قەشقەر يولىنى جەنۇبقا ئۇزارتىش قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈر جەنۇبتا قاراماي غەربىي يولىنى غەربكە ئۇزارتىش بۆلىكىدىن باشلىنىپ، شىمالدا شىنيى يولىنى غەربكە ئۇزارتىش بۆلىكىگىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2.55 كىلومېتىر كېلىدىكەن، قۇرۇلۇش يېڭى ياسىلىدىغان يول، ئىككى تونېل قاتارلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  بۇ تۈرگە ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قەشقەر يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكى شەھەر غول يولىغا تەۋە بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تۆت مېتىر كەڭلىكتە كۆكەرتىش بەلبېغى ۋە بەش مېتىر كەڭلىكتە پىيادىلەر يولى ياسىلىدىكەن. بۇلتۇر 9-ئاينىڭ ئاخىرى بۇ تۈردە ئىش باشلانغاندىن كېيىن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش توسۇقى قۇرۇش، ئىستۇلبا ۋە دەل-دەرەخلەرنى كۆچۈرۈش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى تاماملاپ بولغان، بۇ يىللىق قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقىتىسى يېڭى ياسىلىدىغان يولنىڭ ئۇلىنى كولاش، تونېل قېزىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىكەن.

  «يېڭىدىن ياسالغان يول قۇرۇلۇشىنىڭ چىماسەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئالايىتەن ئىككى تونېل لايىھەلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە 1-نومۇرلۇق تونېلنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 415 مېتىر كېلىدۇ، 2-نومۇرلۇق تونېلنىڭ ئۇزۇنلىقى 300 مېتىردىن ئاشىدۇ. چىماسەن تېغىنىڭ تاغ گەۋدىسى ئاساسەن لاي شېغىللىق بولغانلىقى ئۈچۈن، تونېل قۇرۇلۇشى بىزنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىمىزنىڭ قىيىن نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ» دېدى مەسئۇل خادىم.

  «قەشقەر يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان بۆلىكى پۈتسە، شىسەن تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەر يېڭى يولۇچىلار بېكىتىگە بارماقچى بولسا غەربىي تاشقى ئايلانما يولى ياكى ۋېيشىڭ يولى تونېلىدىن ماڭمىسىمۇ بولىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە، بىز قەشقەر يولىنىڭ جەنۇبقا ئۇزارتىلغان يول بۆلىكىدىن بىۋاسىتە ۋېيتەي جەنۇبىي يولىغا، ئاندىن يۈنتەيشەن كوچىسىدىن يېڭى بېكەتكە كىرسەكلا بولىدۇ» دېدى چىماسەن يولى غەربىي 3-كوچا چىما شەنجۇاڭدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ ئەپەندى تەقەززا بولغان ھالدا.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى