تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«ئاچا-سىڭىللار ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ـــ ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدىكى تولۇپ تاشقان غەيرەت

ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقان ما خەيخەي

  تىيانشان تورى خەۋىرى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، فوتوسى) 5-ئاينىڭ 4-كۈنى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەنىدى، بورتالا ئوبلاستى بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى خارمودۇن ئالدى كەنتىدىكى ما خەيخەي تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئوغلى بىلەن قىزىنى سۆيۈپ قويۇپ، ھويلىدىن چىقىپ، يەتتە كىشلىك ئاپتوموبىلىنى ئوت ئالدۇرۇپ، بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېۋەزلىككە بېرىپ مايسا يارىدىغان ئۆزى بىلەن بىر كەنتتىكى ئالتە ئاچا-سىڭىلنى ئالغىلى ماڭدى.

   بۇ كۈنى ئۇلارنىڭ بىر ھۆددىگەر ئائىلىنىڭ 200 مو كېۋەزلىكىنىڭ مايسىسىنى يېرىپ بېرىدىغان تۇنجى كۈن ئىدى. ئۇ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كەنت بىلەن ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان سالا ئېتىزغا يېتىپ كەلدى. قۇياش تېخى كۆتۈرۈلمىگەن ئىدى. ما خەيخەي ۋە ئۇنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى ئىلمەك بىلەن توختىماستىن سۇلياۋ يوپۇقتىن ھەربىر تۈپ مايسىنى ئىلىپ چىقاردى. ئۇلار بىر يېرىم كۈن ۋاقىت ئىچىدە 200 مو يەرنىڭ مايسا يېرىش ئىشىنى تۈگەتمەكچى بولدى. «بىز جىددىي ئىشلىشىمىز لازىم، كەينىدە بىزنى ئىشلىتىمىز دەپ ساقلاپ تۇرغان دېھقان ئائىلىلىرى ئۆچرەت بولۇپ كەتتى» دېدى ئۇ كۈلۈپ.

   «ئاچا-سىڭىللار ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ئىشلەمچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

   39 ياشلىق ما خەيخەي خارمودۇن ئالدى كەنتىدىكى ئاچا-سىڭىللارنىڭ تايانچى. بۇلتۇر 3-ئايدا ئۇ كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارنى يېتەكلەپ «ئاچا-سىڭىللار ھەمكارلىق كوپىراتىپى»نى قۇرۇپ، مەخسۇس شۇ كەنتتىكى ھەم قوشنا كەنتتىكى دېھقان ئائىلىلىرىنى ئىشلەمچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

   ئائىلىسىدىن پۇت ئاتلاپ چىقىپ، ئاچا-سىڭىللارنى يېتەكلەش

   ما خەيخەي بۇرۇن بىر ئائىلە ئايالى ئىدى. ئۇنىڭ قېيناتىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قېيىن ئىنى-سىڭىللىرى كىچىك بولغاچ، ئائىلىنىڭ يۈكى بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا ئارتىلغان ئىدى. ئۇ ھەركۈنى ئېرىنىڭ پايپېتەك بولۇۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالماي، ئۆزىمۇ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېرىنى باشقىلارغا ھۆددىگە بېرىپ، ئۆزى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى.

   2016-يىلى ما خەيخەي ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا 100نەچچە كۋادرات مېتىرلىق خىش ئۆيدىن بىرنى سېلىۋالدى. كەتتىكى باشقا ئاچا-سىڭىللار ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەۋەس قىلدى. ما لەنخۇا ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلىگەن كەنت ئاھالىسى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغان بىرقانچە ئاچا-سىڭىللار ما خەيخەينى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەش ئارزۇيىمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق، ما خەيخەي خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى.»

   شۇنىڭدىن كېيىن، ما خەيخەي سىرتقا چىقىپ ئىش ئىزدىسە، باشقىلاردىن كەنتتىكى بۇ ئاچا-سىڭىللارغا بەرگۈدەك ئىش بار-يوقلۇقىنى سورايتتى. بارا-بارا ئۇ كەنتتىكى باشقا ئالتە ئاچا-سىڭىل بىلەن «ئاياللار قوشۇنى»نى تەشكىللىدى. ئەتىيازدا كۆچەت تىكىش، تەك ئېچىپ، ئۈزۈم تاللىرىنى باراڭغا ئېلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش، يازدا كېۋەزنىڭ ئۇچىنى ئۈزۈش، ئوغۇتلاش، كۈزدە پاختا تېرىش، ئۈزۈم ئۈزۈش، بۇغداي ئورۇش، كۆممىقوناق ئۈزۈش...قاتارلىق ئىشلارنى قىلاتتى. ما خەيخەينىڭ ئىش تېپىش دائىرىسى كۆپ، كىشىلىك مۇناسىۋىتى كەڭ بولغاچقا، تېرىقچىلىق پەسلىدىكى قىسقىغىنە نەچچە ئايدىلا ئاچا-سىڭىللار ھەربىرى تەخمىنەن يىگىرمە مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپتى.

   ئاچا-سىڭىللار سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە دائىم بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولدى

   «ئىشىنى بالدۇر تۈگەتكەنلەر تۈگىتىپ بولالمىغانلارغا ياردەملىشىمىز، كىمنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالسا كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىشىنى قىلىۋېتىمىز، ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ما مىڭخۇا. بىر قېتىم بىرەيلەننىڭ قورسىقى ئاغرىپ قالغاندا، ما خەيخەي كۆپچىلىكنى باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشىنى تۈگىتىۋەتكەن ھەم ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئۇنىڭغا بەرگەن، ئۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى.

   ما خەيخەي ئاچا-سىڭىللارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت، ئۇلارغا يەنە قاتتىق تەلەپ قوياتتى. ئۇنىڭ ئىش قىلغاندا ئەستايىدىل قىلمىسا ياكى ھورۇنلۇق قىلسا ھەمكارلىق كوپراتىپىدىن چىقىپ كېتىش كېرەك، دېگەن بەلگىلىمىسى بار ئىدى. ئۇ بەزى چاغدا ئىشنى لايىقىدا قىلمىغانلارغا ئاچچىقلاپ، ئۆزى باشلاپ ئاپىرىپ بىر قانچە سائەتكىچە قايتا قىلغۇزاتتى. ئۇنىڭ تەنقىدىنى ھەممەيلەن كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى. «ئۇنىڭ بۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇشىمۇ كوپىراتىپنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈن» دېدى ما لەنخۇا. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئاچا-سىڭىللار يىگىرمە ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولۇپ، ھەممىسىلا ئىش ماھىرلىرى ئىدى.

   كوپىراتىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى تېخىمۇ ئۆلچەملەشتى. ما خەيخەي باش بولۇپ ئاچا-سىڭىللارغا مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ماھارەت ئالاھىدىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى، ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىقلار بار ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ بەردى. ئۇلار كەسپىي ساھەلەر بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە مەخسۇس ئادەم راسچوت ھېساباتىنى باشقۇرۇپ، كەسىپ ئالاقىلىشىدىغان بولدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە يەنە ئەمگەك توختامى ئىمزالىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

   ما خەيخەينىڭ ھازىر يېڭىچە ئويى بار: «قىشتا ھەممەيلەن بىكار قالىدۇ، مەن بازاردىكى پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلەشتىم، قىشتا كۆپچىلىكنى ئېلىپ تېڭىش، پاختا سومكىسى تىكىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىمىز» دېدى ئۇ. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاچا-سىڭىللارنى يېتەكلەپ تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى