تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەتقۇرباننىڭ بەختلىك تۇرمۇشى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيې خۇيبيەن، سۈي يۈنيەن

  يېقىندا، مۇخبىرلار مەتقۇربان ئابابەكرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ھويلىغا ئەمدىلا كىرىشىگە، گۆشنىڭ مەززىلىك ھىدى دىمىقىغا ئۇرۇلدى. مەتقۇربان ئالدىنقى كۈنى كېرىيە ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن دەم ئېلىپ ئۆيىگە قايتقان بولۇپ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئەمدىلا بازار ئايلىنىپ كەلگەنىدى.

  مەتقۇربان ئائىلىسىدىكىلەر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسى ئاياغ لەمپە كەنتىدىكى يېڭى سېلىنغان ئەمىن ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئوچاقتىكى ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتاتتى، قازاندا قوي گۆشى شورپىسى قايناۋاتاتتى. مېھمانخانا ئۆيدىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە مەتقۇربان بىلەن خوتۇنى تۇنسا مەتتۇرسۇننىڭ توي خاتىرە سۈرىتى تىزىلغان بولۇپ، يىگىت كاستۇم - بۇرۇلكا، قىز توي كۆڭلىكى كىيگەن، ئىككىيلەن بەخت ئىچىدە بىر - بىرىگە يۆلەنگىنىچە تولىمۇ شېرىن تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.

  «يېقىندا، تەلىم - تەربىيە مەركىزى بىزگە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى، نۇرغۇن كىشىلەر بىزنىڭ بەختلىك پەيتلىرىمىزگە گۇۋاھ بولدى.» تۇنىسانىڭ دېيىشىچە، ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىش قىلىپ، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇنىڭ بۇ ئۆمرىدە چىرايلىق توي كۆڭلىكى كىيىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

   كوللېكتىپ توي مۇراسىمى بەك قىزىپ كەتتى

  «بىز تېلېۋىزور كۆرمەسلىكىمىز كېرەك، ئاياللار مودا كىيىملەرنى كىيسە بولمايدۇ، سىرتقا چىقسىمۇ بولمايدۇ، خىزمەت قىلسا تېخىمۇ بولمايدۇ...» بۇ مەتقۇرباننىڭ ئىلگىرىكى كۆزقارىشى ئىدى. كېرىيە ناھىيەسىدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قارىشى ئۆزگەردى.

  «بىز مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى بەكلا چەتكە قېقىپتىكەنمەن.» مەتقۇربان مۇخبىرلار بىلەن ئىلگىرىكى تۇرمۇشى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، «ئەمەلىيەتتە ئىلگىرى مەن ئانچە خۇشال ياشىيالمىغانىدىم، تۇرمۇشۇمنى بەك خۇنۈك ھېس قىلاتتىم، چۈنكى نېمىنىلا قىلسام بولمايتتى.» ئۇ چاغدا، ئۇ دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ئەگىشىپ قانۇنسىز دىن ئۆگىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغانىدى، مودا كىيىنگەن ئاياللارنى ئۇچراتسا ناھايىتى خاپا بولاتتى، ھەتتا ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتەتتى.

  قىز دوست تۇتقاندىن كېيىن، مەتقۇربان قارشى تەرەپكە: تويدىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەيسىز، پەقەت ئۆيدە ئولتۇرىسىز، يەنە چوقۇم نىقابلىق كىيىم كىيىسىز، دېگەنىدى. «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى ئويلىرىمنىڭ ناھايىتى ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتىم. ناۋادا داۋاملىق مۇشۇنداق كېتىۋەرگەن بولسام، مېنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىم بارغانسېرى يوقاپ، <ئۈچ خىل كۈچ>نىڭ قولچوماقچىسىغا ئايلىنىپ قالاركەنمەن.» ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئويلىغاندا، مەتقۇربان قاتتىق پۇشايمان قىلدى.

  «مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى تاشلىۋەتمىدى. مېنى تەربىيەلەپ قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ياردەملىشىپ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى − مەن ۋە خوتۇنۇم ئۈچۈن كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەردى.» مەتقۇرباننىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۇنىسا بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپتۇ، لېكىن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، ئىزچىل توي ئىشىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزەلمەپتۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ ئىككىيلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 15 جۈپ قىز - يىگىتكە كوللېكتىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ.

  «ئۆيلىنىش گۇۋاھنامىسى ئېلىشتىن تارتىپ كىيىم زاكاز قىلىشقىچە، يەنە توي مۇراسىمى مەيدانىنى بېزەش قاتارلىقلارغىچە ھەممىسىنى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىر قوللۇق بېجىردى.» مەتقۇربان مۇنداق دېدى: «توي مۇراسىمى تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن ھالقىپ كەتتى، نۇرغۇن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر توي مۇراسىمىغا قاتناشتى، كەنتتىكى نۇرغۇن كىشى ماڭا تولىمۇ ھەۋەس قىلدى».

  تويدىن كېيىن، تۇنىسا كەنت كادىرىنىڭ ياردىمىدە، ناھىيەدىكى بىر كىيىم تىكىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ھەر ئايدا مۇقىم كىرىمى بار بولدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ تەلپۈنىدىغان بولدى.

   كەنتتىكى ئۆزگىرىش بەك چوڭ

  ھەر ھەپتە تەلىم - تەربىيە مەركىزىدىن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ ئۆيىگە قايتقاندا، مەتقۇرباننىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى كالا قوتىنىغا كىرىپ قاراپ بېقىش ئىدى. «ئائىلىمىز ئۈچ كالا باققان، بىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ھەر يىلى 2000 يۈەن پايدا ئايرىپ بېرىدۇ، قالغان ئىككىسى بوغاز بولدى، موزاينى 5000 يۈەنگە، چوڭ كالىنى 15 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ. بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمىزدا چوقۇم مەسىلە يوق» دېدى مەتقۇربان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىشلارنى مۆلچەرلەپ.

  كالىنى كەنت ياردەم قىلىپ ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىغا سېتىۋالغان. «شۇ چاغدا مەن يىغلاپ كەتكەنىدىم» شۇنداق دېگەچ مەتقۇرباننىڭ كۆز چاناقلىرى يەنە قىزىرىشقا باشلىدى: «مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى تاشلىۋەتمەيلا قالماي، يەنە ئائىلىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى».

  يېڭىباغ يېزىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى لى دۇڭۋۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەتقۇربان ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە. ئۇلار 50 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندىن سىرت، يەنە باشقا بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىنمۇ بەھرىمەن بولدى.

  يېقىندا، مەتقۇرباننىڭ دادىسى كېسەل بولۇپ قالغاندا، كەنت كادىرلىرى بوۋاينى خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ كېسىلىنى كۆرسەتتى. «كېسەل كۆرسىتىشكە 2000 يۈەن كېتىپتىكەن، كۆپ قىسمىنى ئاتچوت قىلىپ بېرىپتۇ.» مەتقۇرباننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى ھەمىشە ئۇنىڭغا، ئۆيدىكى ھەممە ئىشلار ياخشى، ھېچقانداق قىيىنچىلىقىمىز يوق، سەن خاتىرجەم ئۆگەنگىن، دەيدىكەن.

  «قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق تونۇدۇم، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئېلىپ كەلگەن خەۋپنى ئېنىق تونۇدۇم.» مەتقۇرباننىڭ دېيىشىچە، تەربىيەلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ ھېچنېمىگە ئىنتىلمەيدىكەنتۇق، ھازىر ئۇنداق ئەمەسكەن، ئۇ قانداق قىلىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشنى، قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئويلايدىكەن.

  مەتقۇرباننىڭ ئائىلىسىدىلا ئۆزگىرىش بولۇپ قالماستىن، ئۆزگىرىش يەنە ئاياغ لەمپە كەنتىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىمۇ يۈزبەردى. مەتقۇربان مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ھازىر كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مودا ياسىنىدىغان بولدى، يېڭى ئۆيلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنتتە يەنە كەچلىك بازار ئېچىلدى، راڭپىزا، كاۋاپلار بەك يېيىشلىك، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى...

   ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم

  مەتقۇربان بىلەن ئاكىسى مەتتۇردى ئابابەكرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كىمنىڭ ياخشى ئۆگىنەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بەسلىشىشكە پۈتۈشكەنىدى.

  مەتتۇردى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنىسىدىن ئېشىپ كېتىشنى ئويلايتتى، «ئىنىم تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىشتىن ئىلگىرى سەۋىيەسى مېنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، ھازىر ئېنىقلا مەندىن ياخشى سۆزلەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. مەن كۈچىسەم بولغۇدەك، بولمىسا بەك يۈزۈم چۈشۈپ كەتكۈدەك.» مەتتۇردى ھازىر كەنتتىكى كەچلىك كۇرسنىڭ سىنىپ باشلىقى، ھەر قېتىم دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىنمۇ يەنە بىردەم ئۆگىنىدۇ، ئۇ ئاللىقاچان نەچچە ئۆگىنىش خاتىرىسىنى توشقۇزۇپ بولدى.

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنگەندىن باشقا، مەتقۇربان يەنە ئۆزى قىزىقىدىغان ماھارەتنىمۇ ئۆگىنىۋالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ چوقۇم تەلىم - تەربىيە مەركىزى تەمىنلىگەن بۇنداق ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئوبدان قەدىرلەيدىكەن، چۈنكى بىلىم ئۆگىنىش ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ساپاسىنى ئۆستۈرۈپتۇ. ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئىگە بوپتۇ.

  مەتقۇربان پېچىنە - پىرەنىك ياساش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە تىزىملىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، يېمەك - ئىچمەك سۈپىتىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. مەن تېخنىكا ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ خوتۇنۇمغا ئۆگىتىپ، كېيىن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنى ئېچىشنى ئويلاشتىم. بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي يەنە بېيىشىمىز كېرەك» مەتقۇربان كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى