تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ساياھەت كۈنى پائالىيىتىنى يولغا قويدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى): 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، «19-ماي جۇڭگو ساياھەت كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى يۈرۈشلۈك باش تېما پائالىيىتىنى يولغا قويغان.

    باش تېما پائالىيىتى «كۆكتوقاي لوڭقىسى» 2-نۆۋەتلىك مىڭ كىشىلىك چوڭ تىپتىكى پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن سائەت 12دىن 30غىچە بولىدىكەن، پىيادە مېڭىش ئورنى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى باۋشى جىلغىسى ئىكەن.

    مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئۈچى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن تۆتى باھالاپ چىقىلىدىكەن. مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن نەپس سوۋغاتلارنى تەييارلىغان.

    تىزىملىتىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە بولۇپ، سان توشسىلا ئاياغلىشىدىكەن. يېشى 18 ياشتىن 50 ياش ئارىلىقىدا بولغان، ساغلام كىشىلەر تىزىملاتسا بولىدىكەن. تېلېفوندا تىزىملاتقۇچىلار 18615331217، 13361409501، 8728810-0906غا تېلېفون ئۇرۇپ؛ ئۈندىداردا تىزىملاتقۇچىلار شىنجاڭ كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ئورگان ئۈندىدارى (XJKKTH)نى قوشۇپ توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

    پائالىيەت مەزگىلىدە، يەنە «كۆكتوقاي بىلەن ئۇچرىشىشىم بار» تېمىسىدىكى يان تېلېفون فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىنى توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقىمۇ بولىدىكەن، سىز يان تېلېفونىڭىزنى ئېلىپ، نەزەرىڭىزدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرى بىلەن 100 خەت دائىرىسىدىكى بىر بۆلەك يېزىقنى 2230037218، 188654769 نومۇرلۇق qq ئېلخەت ساندۇقىغا ئەۋەتسىڭىز بولىدىكەن.

    تاللانغان ئەسەرلەر 5-ئاينىڭ باشلىرىدا «ئالىقاندىكى كۆكتوقاي» ئۈندىدار سۇپىسى، دوۋيىن، مىكرو بىلوگىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن. ئالاقىدار ئاپتورلار كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ئەۋەتكەن قاتتىق مۇقاۋىلىق خاتىرە رەسىملەر توپلىمىدىن بىر نۇسخىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، كۆكتوقاي ئۆز ئاپتوموبىل مەخسۇس ئايلانما لىنىيە ساياھىتى باشلىنىدىكەن، ساياھەتچىلەر پائالىيەت مەزگىلىدە ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرەلەيدىكەن(ھەر كۈنى بەش كىشىلىك ياكى يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن بولۇپ 30 ئاپتوموبىل بىلەن چەكلىنىدۇ).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى