تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىنجاڭلىق تۆت يىگىت جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىردى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ شىڭ، دۇڭ لياڭ ): 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتى ئەڭ يېڭى قارارلىق دۆلەت كوماندىسىنىڭ يىغىلىپ مەشىق قىلىش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تىزىملىككە كىرگەن 20 ماھىر بۇ يىل 8-ئايدىن 9-ئايغىچە دۆلىتىمىزدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2019-يىللىق خەلقئارا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى دۇنيا لوڭقىسى ئەرلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى ۋە 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرىدۇ. بۇ تىزىملىككە تۆت نەپەر شىنجاڭلىق ماھىر تاللانغان بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئابدۇسالام، دىڭ يەنيۈخاڭ، قىرانبېك، خۇ جىنچيۇلاردىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىم ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئېلان قىلغان 20 كىشىلىك يىغىلىپ مەشىق قىلىش تىزىملىكىدىكى ماھىرلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا: يى جيەنليەن، جوۋ پېڭ، رېن جۈنفېي، جاۋ رۈي (گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن)، ئابدۇسالام، قىرانبېك (شىنجاڭ كوماندىسىدىن)، گو ئەيلۇن، جاۋ جىۋېي، ليۇ جىشۈەن (لياۋنىڭ كوماندىسىدىن)، جەي شياۋچۇەن، فاڭ شو (بېيجىڭ كوماندىسىدىن)، خۇ جىنچيۇ، سۈن مىڭخۇي (گۇاڭشا كوماندىسىدىن)، ۋاڭ جېلىن، چېن لىنجيەن (فۇجيەن كوماندىسىدىن)، ۋۇ چيەن (جېجياڭ كوماندىسىدىن)، شېن زىجيې (شېنجېن كوماندىسىدىن)، جوۋ چى، دىڭ يەنيۈخاڭ، جاڭ جېنلىن.

  شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قىرانبېك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان مۇداپىيەچى ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىش ۋە تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئىقتىدارى يۇقىرى. بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە، قىرانبېك يارىلانغانلىقتىن ئىپادىسى تۇراقلىق بولمىغان. بىراق پەسىل ئاخىرى مۇسابىقىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىپادىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  ئابدۇسالامنى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى «ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپان» دېيىشكە بولىدۇ، كۆپ قېتىم دۆلەت كوماندىسىنىڭ ھالقىلىق مۇسابىقىلىرىدە ئىپادىسى ياخشى بولدى، بولۇپمۇ 2018-يىللىق جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە زور تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى