تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

شايار ناھىيەسى: كەنت زاۋۇتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى. «ھازىر، كەنت باشقۇرۇشىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، كەنتتىكى 16 ئايال بۇ زاۋۇتتا ئىشلەيدۇ، كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ مۇقىم زاكازلىرىدىن سىرت، يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ دائىم كېلىپ كىيىم-كېچەك تىكتۈرىدۇ، زاۋۇتنىڭ سودىسى يامان ئەمەس!» شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە بازىرى قاشئېرىق كەنتىنىڭ كەنت زاۋۇتى مەسئۇلى سېپىيەم ئېزىز خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

    شايار ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولسىمۇ، بىراق ئەمگەك ماھارىتى كەمچىل بولغاچقا، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بولمىغاچقا، ئارزۇلىرىنىڭ ئىزچىل ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى بىلدى.

    خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەسلىھەتلىشىپ كەنتتە كەنت باشقۇرۇشىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، كەنت باشقۇرۇشىدىكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتى رەسمىي قۇرۇلۇپ، كىيىم-كېچەك كەشتىلەش ماشىنىسىدىن 2سى، چولاش ماشىنىسىدىن 2سى، تىكىش ماشىنىسىدىن 13ى سېتىۋېلىندى.

    بۇنىڭدىن سىرت، خىزمەت ئەترىتى يەنە كېڭىشىش ئارقىلىق، كەنتتىكى بەلگىلىك تىجارەت ئاساسى بار كىچىك تىپتىكى بىر كىيىم-كېچەك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى كەنت باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتقا قوشتى ھەمدە كوپىراتىپنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ئەزالىرىنى ئىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ پىچىش ۋە تىكىش ماھارىتىنى ئۆستۈردى.

    «نۆۋەتتە، كەنت باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ.» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ئايۇپ ئىمىر شۇنداق دېدى. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن گۈلىستان ئابلىز، شۈ تاۋ تەمىنلىدى)

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى