تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئەڭ گۈزەل مۇسابىقە يولىدا ۋېلىسىپىت مىنىش

   مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ خەۋىرى (ۋىدىئو مۇخبىرى گاۋ يۈگاڭ): 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 12دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە، بورتالا شەھىرىدىن كەلگەن ۋېلىسىپىت ماھىرى قۇۋات جاننات ھاۋا بوشلۇقىدىكى يايلاق ناراتتا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ۋېلىسىپىت مىنىپ ئېگىزگە چىقىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە 1-لىككە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ مەن قاتناشقان نۇرغۇن ۋېلسىپىت مۇسابىقىسى ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مۇسابىقە يولى».

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 300 نەپەر كەسپىي ماھىر ۋە ئاممىۋى ماھىرلارنى جەلپ قىلدى، مۇسابىقە يولى تاۋسانى-ئۇيسۇن قەدىمىي خارابىسى-پەنلۇڭ جىلغىسى-كۆسەي بازىرى-ئۇيسۇن قەبىلىسىدىن ئۆتۈپ، ئورمان باغچىسىدا ئاخىرلىشىپ، بىرلىكتە بىر مەيدان باھارنى ئىزلەش ساياھىتى تاماملاندى.

  چىڭخەيدىن كەلگەن ۋۇ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: ئېگىزگە ۋېلىسىپىت مىنىش ھەرىكىتىدە شىنجاڭغا كېلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلاتتىم، بۈركۈت سۇپىسىنىڭ 2700 بالداقلىق سۇپىسى، بۇ يەردە ئېگىزگە چىقىش ئادەمنى سۈرەت ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرگەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرىدۇ.

  نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى شى نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېس قىلىش خاراكتېرلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرگە مەنزىرە رايونىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، نارات مەدەنىيەت ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، نارات ساياھەت داڭلىق ماركىسى يارىتىپ، نارات ساياھەت داڭلىق ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ ياخشى، مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خەلقئارادا بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار ساياھەت ئىستىراھەت رايونى قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ج ك پ كۈنەس ناھىيەلىك كومىتېتى، كۈنەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولغان، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، كۈنەس ناھىيەلىك مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، كۈنەس ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • نىڭبو-كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ دەۋر ئەسلىمىسى
  • باھاردا كۆكلەم سەيلىسى قىلىش
  • نەشپۈت چېچىكى ساياھەتچىلەرنى مەستخۇش قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى