تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ناراتتا «ساياھەت ئۇنىۋېرسال سەنئەت تىياتىرى» ئورۇندىلىپ، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت يېڭى يولى ئېچىلدى

  مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن، گاۋ يۈگاڭ خەۋىرى:  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1-ماي»لىق دەم ئېلىشتا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئون نەپەر ساياھەت ئاقىلى، داڭلىق فوتوگراف شىنجاڭ نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىدا «ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت»كە قاتنىشىپ، قوي پادىسى يايلىتىپ ، نان يېقىپ، كاۋاپ ئۆتكۈزۈپ، قېتىق ئۇيۇتۇپ ئىنتايىن خۇشال ئوينىدى. «ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت قىلىش» نارات يايلىقىدىكى ساياھەت يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  شىنلاڭ مىكرو بىلوگى قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشقان ساياھەت ئاقىللىرى، داڭلىق فوتوگرافلار بۇ قېتىمقى «ناراتتا باھار ئۇسسۇلىغا چۈشۈش · بارچە گۈللەر بوشلۇقتا ئېچىلىش» ساياھىتىنى يېزىق، سۈرەت ۋە سىن شەكلىدە نامايان قىلدى، ھازىرغا قەدەر بۇلارنىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى 30 مىليوندىن ئاشتى.

  يېقىنقى سەككىز ئاي ئىچىدە، نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۈچ قېتىم پۈتۈن مەملىكەتتىن ساياھەت ئاقىللىرى ۋە داڭلىق فوتوگرافلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدى.

  نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى :« <ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەت>نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى ئۈمىدىمىز ساياھەت ئاقىللىرى ۋە داڭلىق فوتوگرافلار ئارقىلىق، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ماركىسى ۋە ئومۇمىي ئوبرازىنى تونۇتۇش ئۈچۈندۇر.» ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: «ناراتنىڭ مەنزىرىسى ۋە ئۇنى ساياھەت قىلغاندىكى ھېسسىيات ئىچكىرى جايلاردىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، بۇ پەرق ساياھەتچىلەردە ئوخشاش بولمىغان ساياھەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن  يەنە ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەتنى يولغا قويۇپ ،  دۆلەت ئىچىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ناراتقا باشلاپ كېلىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى