مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىڭ جياڭخەي خەۋىرى: پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقى ئالدىدا پىيادىلەرگە يول بېرىش كەڭ شوپۇرلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك مىزان، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۈزلۈكسىز تەشۋىقات ئارقىلىق، كۆپ قىسىم شوپۇرلار ئاڭلىق ھالدا پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقى ئالدىدا پىيادىلەرگە يول بېرىدىغان بولغان، لېكىن ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتىدىغان يول ئېغىزلىرى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتمايدىغان يول ئېغىزلىرىدا بىرقەدەر روشەن پەرق كۆرۈلگەن.
5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرلار ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق مەركىزىدە ئەمەلىي ۋاقىتتىكى يول ئەھۋالىنى كۆزىتىش ۋە نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ياشلار يولى خاۋجياشياڭ تاللا بازىرى ئالدىدىكى بىر پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقىدىن ئۆتكەن چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆزەتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئازادلىق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى شۈ خاۋنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، بۇ جايدا ئېلېكتىرونلۇق ساقچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرەتكە تارتىشى بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ پىيادىلەرگە يول بەرمەسلىكتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىتىلغان. «يېرىم يىلغا يېقىن كۆزىتىش ئارقىلىق، كۆپ ساندىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىدا بۇ يەرگە كەلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىيادىلەرگە يول بېرىش ئېڭى شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىدۇق» دېدى شۈ خاۋ.
شۈ خاۋنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق ساقچى سۈرەتكە تارتمايدىغان يول ئېغىزلىرىدا شوپۇرلارنىڭ پىيادىلەرگە يول بېرىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغان.
مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ئاز بولمىغان شوپۇرلار پىيادىلەرنىڭ پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنىڭ ئۆزى يول بېرىش دەپ قارايدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا قاتناش ساقچىسى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ پىيادىلەرگە يول بېرىشىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول بېرىش ئەمەس، بەلكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى توختىتىپ يول بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقى ئالدىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەرگە يول بەرمىسە، ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلىدىكەن.