تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا گۆش ئىمپورت قىلىنىدىغان بەلگىلەنگەن پورتتىن تۆتى كۆپەيتىلىپ، «بەلگىلەنگەن پورت+» تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز فېي شۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جيا جيا خەۋىرى: «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى سودا ئالاقىسىدە يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى! جۇڭگو بىلەن قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ئالاتاۋ پورتى، باقتۇ پورتى، قورغاس پورتى، جېمىنەي پورتىدىن ئىبارەت تۆت پورت يېقىندا رەسمىي ھالدا تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ گۆش ئىمپورت قىلىش بويىچە بەلگىلەنگەن پورت تەستىقىغا ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، گۆش ئىمپورت قىلىش بويىچە بەلگىلەنگەن پورت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى گۆش ئىمپورت قىلىش تىجارىتى كارخانىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى چۈشىنىشىگە پائال ياردەم بېرىپ، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشقا تېخىمۇ قولايلاشقان سودا مۇھىتى تەمىنلىگەن.

     2018-يىلى، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 36 دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 291 مىليارد 540 مىليون يۈەن بولۇپ، 2017-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %13.5 ئېشىپ، شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسىنىڭ %98.2 ىنى ئىگىلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى