تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە گوئەن كوماندىسى چۈەنبېي كوماندىسىغا يەنە يېڭىلىپ قالدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى G گۇرۇپپىسىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە، بېيجىڭ جۇڭخې گوئەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 1:0 نەتىجە بىلەن كورېيە چۇەنبېي شيەندەي كوماندىسىغا يېڭىلىپ، مۇشۇ پەسىللىك ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئىككىنچى مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئىككىلا مەيدان مەغلۇبىيەتنى چۈەنبېي شيەندەي كوماندىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  ئالدىنقى تۆت قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن، گوئەن كوماندىسى 7 نومۇر بىلەن گۇرۇپپا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ، چۇەنبېي كوماندىسىدىن ئىككى نومۇر كەينىدە تۇرغان ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، گوئەن كوماندىسى دەسلىپىدىلا تۆت چەت ئەللىك ماھىرنىڭ ھەممىسىنى مەيدانغا چۈشۈردى.

  گوئەن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمى كېيىنكى يېرىم مەيداندا سەل ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قارشى تەرەپ ۋاراتارىغا توپ كىرگۈزەلمىدى، ئاخىرىدا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۆز مەيدانىدا مەغلۇپ بولدى. ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن چۇەنبېي شيەندەي كوماندىسى بىر قېتىملىق مۇسابىقىدىن بۇرۇن گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچىلىكنى مۇقىملاشتۇردى.

  ھازىر گوئەن كوماندىسى بىلەن پۇخې كوماندىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرى ئوخشاشلا 7 نومۇر بولۇپ، ئاخىرقى ئايلانمىدا ئىككى كوماندا مۇسابىقىلىشىدۇ، مۇسابىقىدە يەڭگەن كوماندا 16 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرەلەيدۇ.

  ھازىر شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى 6 نومۇر بىلەن H گۇرۇپپىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى، ئەگەر ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە شاڭگاڭ كوماندىسى ۋېيشەن شيەندەي كوماندىسىنى يەڭسىلا، چوقۇم گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش